تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

نوپۇس سانىنى كونترول قىلىش  ئاھالىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى 1980- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «دۆلىتىمىز نوپۇسىنىڭ ئېشىشىنى كونترول قىلىش مەسىلىسى توغرىسىدا بارلىق كومپارتىيە ئەزالىرى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرىغا ئوچۇق خەت»نى ئېلان قىلدى، بۇ ئوچۇق خەت كەڭ كومپارتىيە ئەزالىرى ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرىغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن جەمئىيەتكە، دۆلىتىمىزنىڭ پۈتۈن پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە نىسبەتەن چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلدى.

ئوچۇق خەتتە نوپۇسنىڭ ئېشىشىنى كونترول قىلىشنىڭ جەمئىيەت، ئىقتىساد تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولى ئومۇميۈزلۈك شەرھلىنىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ئۈچۈن توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلدى. خەتتە ئېنىق قىلىپ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا دۆلىتىمىز نوپۇسىنىڭ ئومۇمىي سانىنى 1 مىليارد 200 مىليون ئىچىدە كونترول قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە چاقىرىق چىقىرىپ، بىر جۈپ ئەر - خوتۇننىڭ بىرلا پەرزەنتلىك بولۇشىنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى ۋە ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ساغلاملىقى ۋە بەختىگە مۇناسىۋەتلىك، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ كەلگۈسى مەنپەئىتى ۋە ھازىرقى مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر».

1981- يىلى 11- ئايدا، 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4- يىغىنىدا تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «نوپۇسنىڭ سانىنى چەكلەپ، ئاھالىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش دەل بىزنىڭ نوپۇس سىياسىتىمىز.» 1982- يىلى 9- ئايدا، پارتىيە 12- قۇرۇلتىيىدا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇش دۆلىتىمىزنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى قىلىپ بېكىتىلدى، شۇ يىلى 12- ئايدا، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى»دا ئېنىق قىلىپ مۇنداق بەلگىلەندى: «دۆلەت پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇپ، نوپۇسنىڭ ئېشىشىنى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى پىلانى بىلەن ماسلاشتۇرىدۇ». شۇنىڭدىن ئېتىبارەن پىلانلىق تۇغۇت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتى ئاساسىي قانۇن شەكلىدە بېكىتىلدى.

20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، دۆلىتىمىز نوپۇسىنىڭ تەكرار كۆپىيىش شەكلىدە تۇغۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى بولۇش، ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش، ئېشىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇشتىن تۇغۇلۇش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش، ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش، ئېشىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىشتەك تارىخىي بۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تۇغۇت سەۋىيەسى تۆۋەن دۆلەتلەر قاتارىغا كىردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى