تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ نېپال كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى پراچاندا بىلەن كۆرۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كاتماندۇ، 10- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن يى، جياڭ گوپېڭ) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 13- كۈنى كاتماندۇدىكى ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىدا نېپال كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى پراچاندا بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس پراچاندا نېپالنىڭ نوپۇزلۇق سىياسىيونى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياخشى دوستى، قەدىناس دوستى، جۇڭگو - نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. بۇلتۇر، سىز زۇڭلى ئوللى بىلەن سىياسىي ھۆكۈم چىقىرىپ، نېپال كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى بىرلىشىپ تەشكىللەپ قۇرۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىنى باشلىدىڭىز. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تاغ - دەريالىرى تۇتاش، چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن. جۇڭگو تەرەپ نېپال تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۇزاقتىن بۇيان قەتئىي قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، نېپال بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نېپالنىڭ تەرەققىياتىنى مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېپال كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئوخشاشلا ماركسىزمنى يېتەكچى ئىدىيە قىلغان، نېپال كومپارتىيەسى بىلەن پارتىيەلەر ئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، قەرەللىك ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىدە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قالىدىغان، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان يېڭىچە سىياسىي پارتىيەلەر مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىشنى خالايدۇ.

پراچاندا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نېپالغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ مىسلىسىز تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، نېپال كومپارتىيەسى بۇنىڭغا ئىنتايىن قايىل، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىگە داۋاملىق رەھبەرلىك قىلىپ، بارلىق جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ ھەم تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ. نېپال تەرەپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ جەزمەن نېپال - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، نېپالنىڭ دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. نېپال - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان، بىر - بىرىگە ئۆزئارا ئىشىنىدۇ، ئۆزئارا قوللايدۇ. نېپال تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتتە تىنچلىقنى قوغداپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ياقلاپ، ئوتتۇرا، كىچىك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. نېپال تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا پائال قاتنىشىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.