تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ نېپال زۇڭلىسى ئوللى بىلەن سۆھبەتلەشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كاتماندۇ، 10- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چاڭ ئەيلىڭ، چېن جى، مېڭ نا) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 13- كۈنى كاتماندۇدا نېپال زۇڭلىسى ئوللى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نېپال ئەزەلدىن ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ. ھازىر، جۇڭگو بىلەن نېپال ئوخشاشلا دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە دۇچ كەلدى. تۈنۈگۈن، زۇڭتۇڭ باندارى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - نېپال تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى جاكارلىدۇق، بۇنىڭ پىرىنسىپى باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئىناق ئۆتۈش، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش. جۇڭگو تەرەپ نېپال تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - نېپال دوستانە ھەمكارلىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - نېپال مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئېچىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ نېپال تەرەپنىڭ قەتئىي تۈردە بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. ھەرقانداق ئادەم جۇڭگونىڭ ھەرقانداق رايونىدا بۆلگۈنچىلىك قىلىشقا ئۇرۇنىدىكەن، نەتىجىدە كۇكۇم - تالقان بولىدۇ؛ جۇڭگونى پارچىلاشنى قوللايدىغان ھەرقانداق تاشقى كۈچنى جۇڭگو خەلقى ئەخمىقانە خام خىيال قىلغانلىق دەپ قارايدۇ!

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن نېپال تۆۋەندىكى بىرنەچچە تەرەپتىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى پىلانلىشى كېرەك. بىرىنچىدىن، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇش كېرەك، جۇڭگو تەرەپ نېپال تەرەپنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، «گۈللەنگەن نېپال، بەختلىك نېپاللىقلار»دىن ئىبارەت گۈزەل ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، نېپال تەرەپ بىلەن سىياسەت جەھەتتىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى تېزدىن ئۆستۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى نېپال بەرپا قىلىۋاتقان «قۇرۇقلۇقتىكى تۇتاشتۇرغۇچى دۆلەت»تىن ئىبارەت دۆلەت سىياسىتى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان تاشيولنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى پائال ئويلىشىپ، چېگرا ھالقىغان تۆمۈريول مۇمكىنچىلىك تەتقىقاتىنى باشلاپ، چېگرا پورتىنى پەيدىنپەي كۆپەيتىپ ئېچىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى كۆپەيتىپ، خەۋەرلىشىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ھىمالايادىن ھالقىغان ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، سودا ۋە سېلىنمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - نېپال چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سېلىنما ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ نېپال تەرەپنىڭ سۇ ئېلېكتىرىنى مۇۋاپىق ئېچىشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. تۆتىنچىدىن، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، ساياھەت، يەرلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ نېپالنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشىنى قۇربىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ. سۇ بىلەن تەمىنلەش، سۇ سۈپىتىنى ياخشىلاش تۈرىنى ياخشى ئىشلەپ، جۇمولاڭما چوققىسىنى قوغداش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. بەشىنچىدىن، قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تېررورىزم ۋە دۆلەت ھالقىغان جىنايەتكە ئورتاق زەربە بېرىپ، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى قوغداش كېرەك. ئالتىنچىدىن، كۆپ تەرەپلىك ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ھوقۇقىنى قوغداش كېرەك.

ئوللى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن 70 يىلدا، جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشى نېپالنىڭ مۇھىم پۇرسىتى. رەئىس شى جىنپىڭ ئۇلۇغ جۇڭگونىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن داھىيسى بولۇپلا قالماي، يەنە نېپال خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن قالتىس داھىي. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشى نېپال - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىكى تارىخىي پەيت، نېپال خەلقىنىڭ خۇشاللىق ھېسسىياتىنى تىل بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە نېپال - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى سۈرەتلەپ بەردى، بۇ جەزمەن نېپال - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچىدۇ.

ئوللى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نېپال بىلەن جۇڭگو ھەقىقىي دوست ۋە ھەمراھ بولۇپ، ئەزەلدىن ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماي كەلدى، نېپال بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى مۇستەھكەم. مەيلى تاشقى ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش يۈزبەرسۇن، نېپال تەرەپنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان دوستانە سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ، نېپال - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ دوستانە تەرەققىي قىلىش يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ. نېپال تەرەپ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ھەرقانداق كۈچنىڭ نېپال زېمىنىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا قارشى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، شۇنداقلا قەتئىي يول قويمايدۇ.

ئوللى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نېپال تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بەرگەن قىممەتلىك مەدىتى ۋە ياردىمىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھىمالايادىن ھالقىغان ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى بەرپا قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىنىڭ نېپالغا ساياھەتكە كېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىسىنىڭ نېپالغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. نېپال تەرەپ جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەلقئارا تەرتىپنى قوغداش جەھەتتە مۇھىم ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئوتتۇرا، كىچىك دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى، بۇ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئىقتىساد - سودىغا مەبلەغ سېلىش، چېگرا باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ ساھەگە چېتىلىدۇ.

ئىككى تەرەپ بىرلىكتە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن نېپالنىڭ قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.