تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ باندارى ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كاتماندۇ، 10- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار نەن چېن، خۇاڭيىن جيازى) شۇ يەر ۋاقتى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كاتماندۇدا نېپال زۇڭتۇڭى باندارى ئۆتكۈزگەن تەنتەنىلىك قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى. نېپالنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى پان، زۇڭلىسى ئوللى، باش سودىيە لانا، فېدېراتسىيە پارلامېنتى فېدېراتسىيە پالاتاسىنىڭ رەئىسى تىمىرسىنا، بارلىق ئىچكى كابىنېت ئەزالىرى، ئاساسلىق پارتىيەلەرنىڭ داھىيلىرى، كۆپلىگەن پارلامېنت ئەزاسى، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى، سابىق سىياسىي ئەربابلار ھەمدە ھەر ساھە ۋەكىللىرى قاتناشتى.

باندارى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سۆز قىلىپ، نېپال ھۆكۈمىتى ۋە نېپال خەلقىگە ۋاكالىتەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى. باندارى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى دەل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا توغرا كەلدى، نېپال خەلقى جۇڭگو خەلقىنى ئەڭ قىزغىن تەبرىكلەيدۇ ۋە ئەڭ سەمىمىي تىلەكلەرنى تىلەيدۇ. جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى جۇڭگونىڭ بۈگۈنكى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. جۇڭگونىڭ جەزمەن داۋاملىق ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇغراپىيەلىك شارائىت نېپال - جۇڭگو ئىككى دۆلەتنى قوشنا قىلدى، تارىخ ۋە ئادىمىيەت رىشتىسى بىزنى يېقىن دوستلارغا ئايلاندۇردى. نېپال - جۇڭگودىن ئىبارەت ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ئىشەندى، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلدى، نېپال - جۇڭگو دوستلۇقى مۇستەھكەم، دېڭىزدەك چوڭقۇر، جۇمولاڭما چوققىسىدەك يۈكسەك. ئىشىنىمەنكى، كەلگۈسىدە نېپال - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ ئىستىقبالى تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ.

شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ 1- قېتىم «شەرەپلىك شەھەر» كاتماندۇنى زىيارەت قىلىشىم، كۆپلىگەن كونا - يېڭى دوستلار بىلەن كۆرۈشتۈم، نېپالدا سىياسەت راۋان، ئەل ئىناق، خەلق خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قەلبىم خۇشاللىققا تولدى، ئۈمىدىم تولۇپ تاشتى. جۇڭگو - نېپال دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ ھەمسەپەر بولۇپ، قوشنا دۆلەت دوستلۇقى، ئالاقىسىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. مەن ۋە زۇڭتۇڭ باندارى ئىككى تەرەپنىڭ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھى بويىچە، جۇڭگو - نېپالنىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى ئورتاق قارار قىلدۇق. مەن ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ قويۇق سىياسىي مۇناسىۋەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ قولاي ئالاقە تورىنى بەرپا قىلىشىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلىشىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ مول كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ناھايىتى خۇشال، مېنىڭ بۇ ئۈمىدلىرىمدە نېپال رەھبەرلىرى بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنىپ، جۇڭگو - نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانى سۈرەتلەپ بېرىلدى. مەن دائىم «بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك» دەيمەن. بىز قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى ئورتاق پۈتەيلى. نېپالنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى، خەلقىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى تىلەيمەن، جۇڭگو - نېپال ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن.

زىياپەت داۋامىدا، نېپال سەنئەتكارلىرى يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ناخشا - ئۇسسۇللارنى ئورۇنلىدى، يەنە چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن «كومپارتىيە بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى»، «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» قاتارلىق كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان جۇڭگو ناخشىلىرىنى ئورۇنلىدى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.