تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

كىچىكىدىن باشلاپ ئاۋانگارتلاردىن ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىش كېرەك

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

كىچىكىدىن باشلاپ ئاۋانگارتلاردىن ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىش كېرەك

تەبرىك خەت

جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۈز مىليونلىغان پىيونېر، پارتىيەنىڭ ئۆسمۈرلەر - بالىلار ئىشلىرى ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقان كەڭ پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىلىرى ۋە پىيونېرلار ئەترىتى خىزمەتچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!

70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىللىك تەربىيەلەش، ئۆز ئالدىغا تەربىيەلەش، ئەمەلىيەت جەريانىدا تەربىيەلەشنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

پىيونېرلار ئەترىتى ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمنى ئۆگىنىدىغان مەكتەپ بولۇشى، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمنى قۇرۇشتىكى زاپاس ئەترەت بولۇشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پىيونېرلار ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيۈپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، قېتىرقىنىپ بىلىم ئىگىلەپ، چېنىقىپ بەدىنىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئەمگەك روھىنى يېتىلدۈرۈپ، كىچىكىدىن باشلاپ ئاۋانگارتلاردىن ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى كېرەك!

پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت پىيونېرلار خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر رەھبەرلىك ۋە كاپالەتنى كۈچەيتىپ، پىيونېرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە پىيونېرلار ئەترىتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پۈتۈن ئىتتىپاق تەشكىلاتى بويىچە يېتەكلەش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، پىيونېرلار ئەترىتىنى ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قىزىل گالىستۇكنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، يېتەكلىشى كېرەك!

شى جىنپىڭ

2019- يىل 10- ئاينىڭ 13- كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى يۈز مىليونلىغان پىيونېر، پارتىيەنىڭ ئۆسمۈرلەر - بالىلار ئىشلىرى ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقان كەڭ پىيونېرلار ئەترىتى يېتەكچىلىرى ۋە پىيونېرلار ئەترىتى خىزمەتچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، پىيونېرلار ئەترىتى تەشكىللىك تەربىيەلەش، ئۆز ئالدىغا تەربىيەلەش، ئەمەلىيەتتە تەربىيەلەشنىڭ ئۆزئارا بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پىيونېرلار ئەترىتى ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمنى ئۆگىنىدىغان مەكتەپ بولۇشى، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمنى قۇرۇشتىكى زاپاس ئەترەت بولۇشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پىيونېرلار ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيۈپ، ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، ئېسىل ئەخلاق - پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، قېتىرقىنىپ بىلىم ئىگىلەپ، چېنىقىپ بەدىنىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، ئەمگەك روھىنى يېتىلدۈرۈپ، كىچىكىدىن باشلاپ ئاۋانگارتلاردىن ئۆگىنىپ، چوڭ بولغاندا ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، تىرىشىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىدىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت پىيونېرلار خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر رەھبەرلىك ۋە كاپالەتنى كۈچەيتىپ، پىيونېرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە پىيونېرلار ئەترىتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى پۈتۈن ئىتتىپاق تەشكىلاتى بويىچە يېتەكلەش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، پىيونېرلار ئەترىتىنى ئەسلىي مەقسەت - بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قىزىل گالىستۇكنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى، يېتەكلىشى كېرەك.

جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرغان ۋە رەھبەرلىك قىلغان ھەم كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىشنى ھاۋالە قىلغان جۇڭگو ئۆسمۈرلەر - بالىلار ئاممىۋى تەشكىلاتى. 1949- يىلى 10- ئاينىڭ 13- كۈنى قۇرۇلغاندىن بۇيان، پىيونېرلار ئەترىتى پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ ۋەزىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆسمۈرلەر - بالىلارنىڭ دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى تەسىرلىك، جانلىق قانات يايدۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈردى. نۆۋەتتە، پۈتۈن مەملىكەتتە ئالتە ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان تەخمىنەن 130 مىليون پىيونېر بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.