تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شەندۇڭلۇق شوپۇر: چاقىلىقتىكى قاتناش ساقچىلىرى، سىلەرنىڭ مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا ياردەم قىلىپ پۇلۇمنى قايتۇرۇپ ئېلىپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت

سۈرەتنى قاتناش ساقچىلىرى تەمىنلىگەن

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ شى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ زىيى): «7000 يۈەنلىك ماي قاچىلاش كارتام خېنەندە يىتىپ كەتكەنىدى، چىڭخەيدە ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلدى، بىراق، ئەڭ ئاخىرىدا شىنجاڭدىن قايتۇرۇپ كېلىندى!» 10-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەتىگەندىلا، شەندۇڭدىن كەلگەن چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرى سۈن فېڭ لەۋھە ۋە بىر پارچە تەشەككۇر خېتىنى ئېلىپ، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى دۆلەت يولى 315- لىنىيەسىدىكى بىر قاتناش ساقچىلىرى ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىغا كېلىپ، قاتناش ساقچىلىرىغا ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى بىلدۈردى.

  بۇ ئىشنى 10-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىدىكى خەلق ساقچىسى لى ۋېنخۇي بىلەن ئەن جىنلۇڭ تەۋەلىكتىكى يېتىمبۇلاق ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىدا ئىدى، سائەت 16:00لەردە، سۆزلىشىش ئاپپاراتىدا بىر ساقچى مەلۇماتى تارقىلىپ كەلدى.

  «ئەينى چاغدا بىرەيلەن ساقچىغا دېلو مەلۇم قىلىپ، ئۆزىنىڭ ماي قاچىلاش كارتىسىنىڭ ئەنخۇينىڭ L نومۇر تاختىلىق چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى تەرىپىدىن ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلگەنلىكىنى، بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.» دېدى لى ۋېنخۇي. بۇ چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىنى توسۇپ توختاتقاندىن كېيىن، خەلق ساقچىلىرى دېلو مەلۇم قىلغۇچى سۈن فېڭ بىلەن ئالاقىلەشتى ھەمدە ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلىدى.

  سۈن فېڭنىڭ مۇخبىرلارغا  دېيىشىچە، 9-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۇ خېنەن ئۆلكىسىدىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدىن ئۆتكەندە، 7000 يۈەنلىك ماي قاچىلاش كارتىسىنى يىتتۈرۈپ قويغان. «ماي قاچىلاش كارتىسىنىڭ مەخپىي نومۇرى يوق ئىكەن، مەن بايقىغاندىن كېيىن، ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى نازارەت قىلىش كۆرۈنمە چاستوتىسى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈپ، ماي قاچىلاش كارتامنى تېپىۋالغان شوپۇرنى تاپتىم.»

  لېكىن ئىش ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولمىغان، سۈن فېڭ بۇ شوپۇرنى تاپقاندا، قارشى تەرەپ ماي قاچىلاش كارتىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى خالىمىغان، كېيىن سۈن فېڭ بەرگەن بارلىق تېلىفونلارنى رەت قىلغان. «مەن ماي قاچىلاش كارتىسىدىكى ماي قاچىلاش ئۇچۇرىغا ئاساسەن، ئۇنىڭ شىنجاڭغا قاراپ ماڭغانلىقىنى، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم چىڭخەيدە ماي قاچىلىغانلىقىنى بايقىدىم، شۇڭا مەن يول بويلاپ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ ياردەمگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلدىم، ئاخىرىدا بۇ شوپۇر 10-ئاينىڭ 2-كۈنى چاقىلىقتا توسۇپ توختىتىلدى، ئۇنىڭدىن كېيىن قاتناش ساقچىسى شوپۇردىن 7000 يۈەننى ماڭا يۆتكەپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى» دېدى سۈن فېڭ.

  لى ۋېنخۇينىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، دەسلەپتە ماي قاچىلاش كارتىسىنى ئوغرىلىقچە ئىشلەتكەن شوپۇرمۇ ماسلاشمىغان، ئەمما ئۇ كارتا ئىگىسى بىلەن ساقچى تەرەپتە ئۆزىنىڭ كارتا تېپىۋالغانلىقى ھەمدە ئوغرىلىقچە ئىشلەتكەنلىكىگە يېتەرلىك ئىسپات بارلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاندىن 7000 يۈەننى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەن.

  ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلگەن پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، ئەسلىدە سۈن فېڭ قاتناش ساقچىلىرىغا مېۋە سېتىۋېلىپ رەھمەت ئېيتماقچى بولغان، لېكىن قاتناش ساقچىسى ئۇنىڭغا: «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز، بىز پەقەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدۇق» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەخسۇس لەۋھە ياساپ، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى سەھەردە يېتىمبۇلاق ۋەزىپە ئىجرا قىلىش نۇقتىسىغا كېلىپ، قاتناش ساقچىلىرىغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.

  «ئون نەچچە يىل بولدى، مەن ئىزچىل شەندۇڭدىن شىنجاڭغا مال توشۇۋاتىمەن، نۇرغۇن شىنجاڭلىق  دوستۇم بار، شىنجاڭلىقلار بەك ياخشى، شىنجاڭنىڭ قاتناش ساقچىلىرىمۇ بەك ياخشى. ئۇلار ماڭا مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى بۇ ‹ئاۋارىچىلىق›نى ھەل قىلىپ، شۇنداق تېزلا 7000 يۈەننى قايتۇرۇپ ئېلىپ بەردى.» دېدى سۈن فېڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى