تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇرسۇن، مەمەت، شاۋ فەنچى): 9-ئاينىڭ ئاخىرى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى دېھقانلار پايدىلىق ھاۋا رايىدا كۈزگى بۇغداي تېرىشنى چىڭ تۇتتى، يەنجى ناھىيەسى خېشېڭ تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى تېرىغان كۈزگى بۇغدايلار ئالتە كۈندىلا مايسا چىقاردى.
بۇغداي بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ئاساسلىق ئاشلىق زىرائىتى، يەنجى ناھىيەسىنىڭ سۇ، تۇپراق، ئىسسىقلىق بايلىقى مول، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز، پارغا ئايلىنىش مىقدارى كۆپ، قىروۋسىز مەزگىلى ئۇزۇن بولۇپ، كۈزگى بۇغداي تېرىشقا باب كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنجى ناھىيەسى كۈزگى بۇغداي تېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى.
بۇ يىل يەنجى ناھىيەسىدە تېرىلغان كۈزگى بۇغداي سورتى شىنجاڭ كۈزگى بۇغدىيى 22-نومۇر بولۇپ، ئەتىيازلىق بۇغدايدىن 20 كۈن بۇرۇن پىشىدۇ، مەھسۇلات مىقدارى ھەر مو يەرنىڭ 400 كىلوگىرامدىن 550 كىلوگىرامغىچە بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئەتىيازلىق بۇغدايدىن %20تىن كۆپ ئارتۇق ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ، كىرىمنى ئەتىيازلىق بۇغداي سورتىغا قارىغاندا ھەر مو يەردە 50-100 يۈەنگىچە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.