تىيانشان تورى خەۋىرى: مۇخبىرىمىز يۈ يەنجياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دۇڭ خۇبېي فوتوسى، خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئىككى كۈن داۋاملاشقان 6-نۆۋەتلىك شىنجاڭ خاس مېۋە مەھسۇلاتلىرى (ئاقسۇ) يەرمەنكىسى ھەمدە 2019-يىللىق مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش پائالىيىتى ئاياغلاشتى، كېلىشىم سوممىسى 7 مىليارد 100 مىليون يۈەندىن ئاشتى.
كۆرگەزمىدە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى - سىرتىدىكى سېتىۋېلىش ئېھتىياجى بار سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى يەرمەنكىگە قاتنىشىشقا نۇقتىلىق تەكلىپ قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى «10 شەھەر، 100 دۇكان» قۇرۇلۇشىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى، تەمىنلەش سودىگەرلىرى ھەمدە مەدەنىيەت ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەتۈر يۆنىلىشتە سېتىۋېلىش، سېتىشنى تۇتاشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى 120 باشلامچى كارخانا، كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىچكىرىدىن كەلگەن سودىگەرلەر بىلەن 148 تۈرلۈك سېتىۋېلىش-سېتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىپ، 630 مىڭ توننىغا يېقىن تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدا سودا پۈتتى، كېلىشىم سوممىسى 7 مىليارد 107 مىليون يۈەنگە يەتتى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ كۆلىمى 20 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئالتە چوڭ كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىندى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خاس باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرى، يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرى، ساياھەت مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى قاتارلىقلار كۆرگەزمە قىلىندى. كۆرگەزمە زالىنىڭ لايىھەسىدە ئالما قىزىلى ئاساسىي رەڭ قىلىنىپ، «ئاقسۇ ياخشى مېۋە مەنبەسى» رايونىدىكى داڭلىق ماركا نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئاقسۇ چىلىنى، ياڭاق، ئالما، نەشپۈت، قارا مور، كالا-قوي گۆشى قاتارلىق داڭلىق، ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىنىپ، ئاقسۇنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى.