تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

يىغلىغاندا بېسىم يېنىكلەنگەندىن سىرت يەنە ئورۇقلىغىلى بولىدۇ

ھەر بىر كىشىدە بېسىم ئارتىپ كېتىدىغان چاغلار بولىدۇ، شۇنداق ۋاقىتلاردا ئۈن-تىنسىز چىداش كېرەكمۇ ياكى يىغلاپ ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىش كېرەكمۇ؟ ئەمەلىيەتتە، يىغلىغۇسى كەلگەندە يىغلىغاندا، ئاچچىق چىقىپ، بېسىم يېنىكلىگەندىن باشقا يەنە سالامەتلىككە نۇرغۇن پايدىسى بار.

كىشىلەر يىغلاپ بولغاندىن كېيىن تېخىمۇ خۇشال بولىدۇ. 2014- يىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، يىغلاش پاراسىمپاتىك نېرۋىنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ، كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىشىگە ياردەم بېرىدىكەن ۋە شۇ ئارقىلىق بېسىمنى يېنىكلىتىپ، كىشىنى سوغۇق قان قىلىپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرغىلى بولىدىكەن. ئامېرىكا جەنۇبىي فىلورىدا داشۆسىنىڭ تەتقىقاتىدىمۇ، يىغلاشنىڭ كەيپىياتنى جانلاندۇرۇش ئۈنۈمى خامۇشلۇققا قارشى دورىلاردىن ياخشى دەپ قارالغان. %90كە يېقىن سىناققا قاتناشقۇچىلار يىغلاپ بولغاندىن كېيىن كەيپىياتىنىڭ بىر قەدەر ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قاتتىق يىغلاش ئارقىلىق بېسىم يېنىكلىگەندىن كېيىن، كىشى بەدىنى تەڭپۇڭلىشىپ، تەن تېمپېراتۇرىسى مۇقىملىشىدىكەن، قان بېسىمى تۆۋەنلەيدىكەن، ھەتتا ياللۇغلىنىش ئازىيىدىكەن.

يىغلاش ئارقىلىق ئورۇقلىغىلى بولىدۇ. ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى لوس ئاتۇس كۆز كېسەللىكلىرى پەرۋىش مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، كۆز يېشى ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدىكەن، بىرىنچى خىلى، ئادەمنىڭ كۆزى تەبىئىي ھالدا ئاجرىتىپ چىققان ياش سۇيۇقلۇقى بولۇپ، ئىككى كۆزنى نەمدەپ، قۇرغاقلىشىشتىن ساقلايدىكەن؛ ئىككىنچى خىلى، رېفلېكسلىق كۆز يېشى بولۇپ، كۆز يات ماددىلار تەرىپىدىن غىدىقلانغاندا ئېقىپ چىقىدىكەن؛ ئۈچىنچى خىلى، كەيپىيات خاراكتېرلىك كۆز يېشى بولۇپ، ئازابلانغاندا، تەسىرلەنگەندە ئاققان كۆز يېشى ماي كۆيدۈرۈشتە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىكەن. يىغلىغاندا بېسىم ھورمۇنى تۆۋەنلەپ، قورساق قىسمىدىكى ياغنىڭ خورىشىغا ياردەم بېرىدىكەن.

يىغلىغاندا مانگان ئاجرىلىپ چىقىدۇ. مانگان كەيپىياتنى كونتىرول قىلىدىغان ھالقىلىق ماددا، كۆز يېشىدىكى مانگاننىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى قان زەردابىنىڭ 30 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، قاتتىق يىغلىغاندا مانگان بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ-دە، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇشقا ياردىمى بولىدۇ.

بىراق، بەك ئۇزۇن يىغلىغاندا خامۇش بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بار. ئامېرىكا جەنۇبىي فىلورىدا داشۆسى بىلەن گوللاندىيە تىئېربۇرگ داشۆسىنىڭ پىسخولوگلىرىنىڭ بايقىشىچە، يىغلىغان ۋاقتى زىيادە ئۇزۇن بولۇپ كەتكەن كىشىلەردە تەشۋىشلىنىش، قۇتراش، خامۇشلۇق ۋە باشقا پىسخىكىلىق توسالغۇ خەتىرى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، ئاسانلا پىسخىكىلىق چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. شۇڭا، يىغلاش ۋاقتى ئەڭ ياخشىسى 15 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك ئىكەن. ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ يىغلاش بىلەن ئۈن چىقارماي يىغلاشنىڭ پەرقى بار، بەزى خامۇشلۇق كېسىلى بىمارلىرى دائىم يىغلايدۇ، ئۇلار دائىم ئۈن-تىنسىز ياش تۆكىدۇ، ئەمما ئاۋازىنى قويۇپ بېرىپ يىغلىمايدۇ. ئەگەر ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىنىڭ چۈشكۈن ھالەتتە ئىككى ھەپتە داۋاملاشقانلىقىنى، دائىم ئۈن-تىنسىز ياش تۆكىدىغانلىقىنى بايقىغاندا، ئۇلارغا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش توغرىسىدا نەسىھەت قىلىش كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى