ئاۋزان ئورمان باغچىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ قاراياغاچ يېزىسىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، غۇلجا ناھىيە بازىرىغا تەخمىنەن 22 كىلومېتىر كېلىدۇ، ئېگىز تاغ تىپىدىكى تەبىئىي مەنزىرە رايونى، ئومۇمىي كۆلىمى 180 كۋادرات كىلومېتىر، ئورماننىڭ ئومۇمىي توپلانما مىقدارى 1 مىليون 240 مىڭ كۇب مېتىر كېلىدۇ. بۇ جاينىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1005 مېتىر بولۇپ، تاغلىق رايون كىلىماتىغا تەۋە، تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، قىشتا ئىللىق، يازدا سالقىن. باغچىنىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ، تاغ تىزمىلىرى چوڭقۇر، ئورمان رايونىنىڭ بايلىقى مول، ياۋايى ھايۋانلار كۆپ، قارلىق تاغلار ھەيۋەتلىك، ياپيېشىل ئوت- چۆپلەر بىلەن قاپلانغان يايلاقلاردا شىلدىرلاپ سۇ ئېقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، پىيادە مېڭىش، سۈرەتكە ئېلىش، دالا ساياھىتىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك سورۇنى ھېسابلىنىدۇ.
يەن جيې فوتوسى
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى