تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

باي ناھىيەسى: ئالتۇن كۈزدە خالىسانە كېسەل كۆرۈش

  تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، باي ناھىيەلىك مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ باي بازىرى شىرىك مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن، مەھەللە شىپاخانىسى ۋە ناھىيەلىك سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ كەسپىي دوختۇرلىرى خالىس كېسەل كۆرۈش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەپ، تەۋەلىكىدىكى سودا دۇكانلىرىدىكى كىشىلەر ۋە ئاھالىلەرنىڭ كېسىلىنى خالىسانە كۆرۈپ، مېھرى- شەپقەت يەتكۈزدى. 

  خالىسانە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن ئاھالىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. دوختۇرلار ئاھالىلەرنىڭ قان بېسىمى، قان شېكىرى، ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈپ، پەسىل ئالماشقاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى چۈشەندۈردى، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى ئەستايىدىل ھەم ئىنچىكە تونۇشتۇردى.

  «مەن يېقىنقى مەزگىلدىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلىپ كەلگەنتىم، دوختۇر ماڭا بىر- بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ قويدى، ئۆزۈمنىڭ سالامەتلىكىنى ئېنىق چۈشەندىم، بۇ قېتىمقى خالىسانە كېسەل كۆرۈش پائالىيىتى بەك ياخشى بولدى.» دېدى ئاھالە ياڭ يۈەنرۇڭ خۇشال ھالدا.

  (ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ۋۇ شىنمېي تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى