تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

مورنى چىلاپ قويغان ۋاقىت بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك

  يېقىندا، جاڭ خانىم ئۆيدە تاماق يەپ بولۇپلا كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەن. ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق جاڭ خانىمنىڭ جىگەر، بۆرەك، يۈرەك قاتارلىق مۇھىم ئەزالىرىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بايقىغان. دوختۇرخانىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، جاڭ خانىم ناھايىتى تېزلا سەكراتقا چۈشۈپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ زەھەرلىك يېمەكلىك ئەۋرىشكىسىنى تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جاڭ خانىم سۇغا ئۇزۇن چىلاپ قويۇلغان مورنى ئېستىمال قىلغان بولۇپ، گۈرۈچ ئېچىتقۇ كىسلاتاسىدىن زەھەرلەنگەن.

  جاڭ خانىمنىڭ كەچۈرمىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى چۆچۈتتى. مورنى ئۇزۇن چىلاپ قويسا راستتىنلا زەھەرلىك بولامدۇ؟ ئەمەلىيەتتە، قۇرۇق مورنىڭ ئۆزىدە زەھەر بولمايدۇ. نورمال قارا مورنىڭ قىسقا ۋاقىت چىلاپ قويۇش جەريانىدا گۈرۈچ ئېچىتقۇ كىسلاتا ھاسىل قىلىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن. ئەگەر ئۇزاق ۋاقىت چىلاپ قويۇلسا، سىرتقى مۇھىت پاكىز بولمىسا، كوكۇس زەھىرى ساختا يەككە ھۈجەيرىلىك باكتېرىيەدىن بۇلغىنىپ، گۈرۈچ ئېچىتقۇ كىسلاتاسى ھاسىل بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، چىلاپ قويغان مۇھىت ئەتراپىدا ۋاقتى ئۆتۈپ سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەر ياكى قاچا - قۇچىلار پاكىز يۇيۇلماي، قالدۇق پەيدا قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بۇلار گۈرۈچ ئېچىتقۇ كىسلاتاسىنىڭ شەكىللىنىشىنى ياخشى ماكان بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈرۈچ ئېچىتقۇ كىسلاتاسى ئىسسىققا چىداملىق بولۇپ، ئادەتتىكى قورۇما قورۇش ئۇسۇلى ئۇنىڭ زەھىرىنى بۇزالمايدۇ.

  گۈرۈچ ئېچىتقۇ كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىشنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئۈچ كۈن، كۆپىنچە يېرىم كۈندىن بىر كۈنگىچە بولىدۇ. نۆۋەتتە، گۈرۈچ ئېچىتقۇ كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىشنىڭ مېدىتسىنادا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىسى يوق، زەھەرلەنگەندىن كېيىن پەقەت ئادەتتىكى قۇستۇرۇش، ئاشقازاننى يۇيۇش، ئۈچەينى تازىلاش قاتارلىق جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش ياكى قان دىئالىزى ئۇسۇلى ئارقىلىق زەھەرنى سۇيۇلدۇرۇش كېرەك.

  مورنى قانداق ئىستېمال قىلسا بىخەتەر بولىدۇ؟ بىرىنچى، تاماققا ئىشلىتىدىغان مورنى ھەر قېتىم بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە سوغۇق سۇدا چىلىسا بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆت سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئىككىنچى، بىر كېچە ئۆتكەن چىلانغان قارا مورنى ئىستېمال قىلىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ، چۈنكى كوكۇس زەھىرى ساختا يەككە ھۈجەيرىلىك باكتېرىيەنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئۆسۈش تېمپېراتۇرىسى℃37، ئەڭ مۇۋاپىق زەھەر ھاسىل قىلىش تېمپېراتۇرىسى ℃26 بولىدۇ. ئۇزاق ۋاقىت چىلاش، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا ئاسانلا زەھىرى كۈچلۈك گۈرۈچ ئېچىتقۇ كىسلاتاسى ھاسىل بولىدۇ. ئۈچىنچى، قارا مورنى چىلاپ قويغاندىن كېيىن غەيرىي پۇراق ياكى قول بىلەن سىلىغاندا شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بارلىقىنى سەزگەندە دەرھال تاشلىۋېتىش كېرەك.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى