تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

«شۆلۇڭ 2» ناملىق پاراخوت شېنجېنغا يېتىپ باردى

    جۇڭگو ئاخبارات تورى. 10- ئاينىڭ 13- كۈنى، جۇڭگو ئۆز ئالدىغا ياسىغان تۇنجى قۇتۇپ ئىلمىي تەكشۈرۈش مۇز يارغۇچى پاراخوتى «شۆلۇڭ 2» ناملىق پاراخوت ۋە جۇڭگونىڭ 36- قېتىملىق جەنۇبىي قۇتۇپنى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى شېنجېن شېكۇ پوچتا پاراخوتى پورتى CR2 پىرىستانىغا يېتىپ باردى، ئۇلار 10- ئاينىڭ 14- كۈنى باشلىنىدىغان 2019 جۇڭگو دېڭىز-ئوكيان ئىقتىساد كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ. «شۆلۇڭ 2» ناملىق پاراخوت جۇڭگونىڭ «شياڭياڭخۇڭ 10»، «جىدى» ناملىق ۋە «شۆلۇڭ» ناملىق پاراخوتتىن كېيىنكى تۆتىنچى قۇتۇپ ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئۆز ئالدىغا ياسىغان قۇتۇپ ئىلمىي تەكشۈرۈش مۇز يارغۇچى پاراخوتى بولۇپ، يەر شارى بويىچە پاراخوت تۇمشۇقى، پاراخوت قۇيرۇقى قوش يۆنىلىشلىك مۇز يېرىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان تۇنجى قۇتۇپ ئىلمىي تەكشۈرۈش مۇز يارغۇچى پاراخوتى ھېسابلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى