شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى چېن چياڭۋېي، گې يوۋجۈن خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 12- كۈنى، 6- نۆۋەتلىك شىنجاڭنىڭ خاس مېۋە - چېۋىلىرى (ئاقسۇ) سودا يەرمەنكىسى ھەم 2019 مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش پائالىيىتى (ئاقسۇ بېكىتى پائالىيىتى) ئاقسۇ شەھىرىدە باشلاندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قاتناشتى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت 2019 مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش (شىنجاڭ) پائالىيىتىنىڭ 2- بېكىتىدىكى پائالىيەت. شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن 200 نەچچە سېتىۋېلىش سودىگىرى يەرمەنكىگە قاتناشتى، 370 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى.
لوپ ناھىيە كۇنلۇنشۆ بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىدىكى قۇرۇق مور ھەمدە كىچىك ئورۇلۇق مور ئۇششاق يېمەكلىكى كۆپلىگەن سېتىۋېلىش سودىگىرىنى جەلپ قىلدى. بۇ شىركەت خوتەن ۋىلايىتىدە 1500 مودىن ئارتۇق مور ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرغان بولۇپ، نۆۋەتتە يىللىق ھوسۇلى 1500 توننىغا يېتىپ، شۇ جايدىكى 50 مىڭغا يېقىن ئادەمنى نەپكە ئېرىشتۈردى، بۇنىڭ كۆپ قىسمى نامرات ئامما. «بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىركىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشى غەربىي شىمال بازارلىرىغا مەركەزلەشكەنىدى، بۈگۈنكى كۈندە گۇاڭدۇڭ، جياڭسۇ، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردىكى مېھمان سودىگەرلەرنىڭمۇ مەھسۇلاتلىرىمىزغا ئالاھىدە قىزىقىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمىز. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ يىراقلارغا سېتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى بۇ شىركەتنىڭ سېتىش باش نازارەتچىسى ليۇ دومىن.
سودا مىنىستىرلىقى بازار سىستېمىسى قۇرۇلۇشى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى لى گاڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى پۇرسەت بىلىپ، ئاقسۇنىڭ يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى چوڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سودىگەرلىرى بىلەن مۇقىم بولغان ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى جىپسىلاشتۇرۇش مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاقسۇنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىنىڭ مۇقىم ئېشىشى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.