شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق تۆۋەندىكى باش ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى - قالدۇردى:
بىرىنچى، يىن لىشيەن(ئايال)نى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىي ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
جاڭ زونى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىي ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
ئىككىنچى، خۇاڭ يۇڭنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ لاتۋىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
لياڭ جيەنچۈەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ لاتۋىيە جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.
ئۈچىنچى، لۇ شايېنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى؛
سۇڭ پېيۋۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلىدى.