تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ نېپال كونگرېسلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دېئۇبا بىلەن كۆرۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كاتماندۇ، 10- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن يى، نەن چېن) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 12- كۈنى كاتماندۇدىكى ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىدا نېپال كونگرېسلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دېئۇبا بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نېپال كونگرېسلار پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا تارىخىي باغلىنىش بار. كونگرېسلار پارتىيەسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، جۇڭگو - نېپال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان، جۇڭگو خەلقى بۇنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. جۇڭگو بىلەن نېپال دوستانە قوشنا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىزچىل ياخشى قېرىنداش، ياخشى دوستلاردىن بولۇپ كەلدى، نېپالدا قايسى پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - نېپال ئىككى دۆلەت مۇقىم دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىمۇ كونگرېسلار پارتىيەسى بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىپ، ئالاقە، ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ.

دېئۇبا كونگرېسلار پارتىيەسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىغا ۋاكالىتەن، شى جىنپىڭنىڭ نېپالدا زىيارەتتە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالدى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. دېئۇبا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نېپال تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئىزچىل ھالدا نېپالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە، نېپالنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوللاپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. نېپال تەرەپ باشتىن - ئاخىر بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ھەرقانداق جۇڭگوغا قارشى كۈچنىڭ نېپال زېمىنىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگونى پارچىلايدىغان پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ. كونگرېسلار پارتىيەسى جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئالقىشلايدۇ ھەم قوللايدۇ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىلدە جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىغانلىقىمىزدىن ناھايىتى خۇشالمەن، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ئارقىلىق، نېپالنىڭ رايونلار بىلەن بولغان ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. كونگرېسلار پارتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بولغان دوستانە بېرىش - كېلىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.