تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن چېننايدا داۋاملىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ھىندىستان چېنناي، 10- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار چېن جى، لى جۇڭفا، لۈ چۈەنجۇڭ) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 12- كۈنى چېننايدا ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى دوستانە، ئازادە كەيپىياتتا جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلتۇر مەن زۇڭلى ئەپەندى بىلەن ۋۇخەندە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچراشقاندىن بۇيان، جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى، ئۇچرىشىشنىڭ ئاكتىپ ئۈنۈم ئېففېكتى ئۈزلۈكسىز نامايان بولدى. جۇڭگو - ھىندىستان بىر - بىرىنى مۇھىم قوشنا دۆلەت دەپ بىلىدىغان، شۇنداقلا نوپۇسى 1 مىلياردتىن ئاشىدىغان ئىككى چوڭ دۆلەت. جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگونىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس سىياسىتى. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو - ھىندىستان يەر شارىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە بارغانسېرى مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماقتا. كەلگۈسى بىرقانچە يىل جۇڭگو - ھىندىستاننىڭ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، شۇنداقلا جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل. بىز جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ يۆنىلىشىنى توغرا ئىگىلەپ، جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ 100 يىللىق چوڭ پىلانىنى ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن پىلانلاپ، جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو - ھىندىستان ئىككى چوڭ مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى قول تۇتۇشۇپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ بىرنەچچە نۇقتىلىق تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:

بىرىنچىدىن، قارشى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قايسى نۇقتىدىن قاراشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - ھىندىستان ئىناق ئۆتىدىغان ياخشى قوشنا، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇشى كېرەك. «ئەجدىھا بىلەن پىلنىڭ بىللە ئۇسسۇلغا چۈشۈشى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو - ھىندىستاننىڭ بىردىنبىر توغرا تاللىشى، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ئىككى دۆلەت ئىككى قوشنا چوڭ دۆلەت دوستلۇقى، ھەمكارلىقىنىڭ داغدام يولىنى تېپىپ چىقىشى كېرەك، شۇنداقلا تامامەن تېپىپ چىقالايدۇ. ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىختىلاپقا توغرا قاراپ، ئۇنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق چوڭ ۋەزىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىلىشىش ئارقىلىق پەيدىنپەي چۈشىنىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىختىلاپنى ئۈزلۈكسىز پەسەيتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئۆزىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنداقلا ھىندىستاننىڭمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو - ھىندىستان ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى، ئۆزئارا «يورۇتۇش»ى كېرەك.

ئىككىنچىدىن، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىلىشىشنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. دىققەتنى دوستلۇق، ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، گۇمانلىنىش ۋە ئەنسىرەشنى تۈگىتىپ، ئىختىلاپ ۋە سەزگۈر مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. سىياسىي يېتەكچىلىك پىرىنسىپى كېلىشىمىگە ئاساسەن، ئادىل، مۇۋاپىق ۋە ئىككىلا تەرەپ قوبۇل قىلالايدىغان چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك. بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ھازىرچە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش - كونترول قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، ھەربىي ئىشلار خەۋپسىزلىك ئالاقىسى، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك. ئىككى ئارمىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ گۇماننى تۈگىتىش، دوستانە ھەمكارلىق توغرا يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسپىي ھەمكارلىق، بىرلەشمە مانېۋىر، بىرلەشمە مەشىق قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى ئارمىيەنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

تۆتىنچىدىن، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەنپەئەت رىشتىسىنى چىڭىتىش كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئىقتىساد - سودا سۆزلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ياسىمىچىلىق كەسپى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ھەققىدە ئىزدىنىش كېرەك. ھىندىستاننىڭ دورا بۇيۇملىرى كارخانىلىرى بىلەن ئۇچۇر تېخنىكىسى كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىمىز.

بەشىنچىدىن، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى بېيىتىپ، دوستلۇق ئۇلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. بىز كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنى ۋە «جۇڭگو - ھىندىستان ئادىمىيەت ئالاقىسى يىلى» پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك. جۇڭگونىڭ فۇجيەن ئۆلكىسى بىلەن تەمىل نەدۇ ئىشتاتى، چۈەنجۇ شەھىرى بىلەن چېنناي شەھىرىنىڭ دوست ئۆلكە - شەھەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى قوللاپ، دېڭىز يىپەك يولىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

ئالتىنچىدىن، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرولۇقىدىكى خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇن ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپنى بايراق روشەن ھالدا قوغداپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە دۇنيا سودا تەشكىلاتى يادرولۇقىدىكى كۆپ تەرەپ سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. 20 دۆلەت گۇرۇھى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۇڭگو - رۇسىيە - ھىندىستان قاتارلىق كۆپ تەرەپ مېخانىزمى رامكىسى ئىچىدە ماسلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەك. «جۇڭگو - ھىندىستان +» ھەمكارلىقىنى پەيدىنپەي جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئافرىقىغا كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تېخىمۇ راۋان بولغان رايونلارنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى بەرپا قىلىپ، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نى بالدۇرراق تۈزۈش كېرەك.

مودى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندىستان بىلەن جۇڭگو ئىككى چوڭ مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھازىرقى ئېنىقسىز خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئالاقىلىشىش، ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مۇناسىۋەتنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ساقلىشى ئىككى دۆلەت ۋە دۇنياغا نىسبەتەنمۇ ئاكتىپ، مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز بىر - بىرىمىزنىڭ مۇھىم، زور كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا ئېتىبار بېرىپ، ئىختىلاپنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ - كونترول قىلىپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، ئىختىلاپنى تالاش - تارتىشقا ئايلاندۇرماي، تېخىمۇ قويۇق ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھىندىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىشىمىز كېرەك.

مودى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندىستان تەرەپ جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە قايىل، ھىندىستان - جۇڭگو ئىككى دۆلەت مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇساپىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت نۇرغۇن ئوخشاش خىرىسقا دۇچ كەلدى، ھىندىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ھىندىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ھىندىستاننىڭ گۈرۈچ ۋە شېكەر قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى پائال ئاشۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئىقتىساد - سودا سۆزلىشىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ تەڭپۇڭ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھىندىستان تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ھىندىستانغا كېلىپ ياسىمىچىلىق قاتارلىق كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئىككى تەرەپ كېلەر يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 70 مەيدان يۈرۈشلۈك پائالىيەتنى بىرلىكتە ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىنىڭ ھىندىستانغا كېلىشىنى قارشى ئالىمىز. ئىككى تەرەپنىڭ بىرلەشمە تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، ھىندىستان - جۇڭگونىڭ ئۇزاق ئالاقە تارىخىنى چوڭقۇر قېزىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھىندىستان تەرەپ ئۆز ئىستراتېگىيەسىنى قوغداشتا ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپ رامكىسىدا ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ. ھىندىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نى بالدۇرراق تۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. ھىندىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چېنناي ئۇچرىشىشى ئارقىلىق، مەن زۇڭلى مودى بىلەن جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئېنىق نىشان ۋە تېخىمۇ روشەن پىكىر يولىغا ئىگە بولدۇق. بىز ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا يوليورۇق بېرىپ، جۇڭگو - ھىندىستان ھەمكارلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى زىيارەتتە باشتىن - ئاخىر ھىندىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ داغدۇغىلىق، قىزغىن، ئەتراپلىق قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدىكى قويۇق ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. مەن زۇڭلى مودىنى جۇڭگوغا كېلىپ يەنە بىر ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىمەن.

مودى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىم بىز دوستانە كەيپىياتتا چوڭقۇر پىكىرلىشىپ، ئارىمىزدىكى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىنى چىڭىتتۇق. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە سەمىمىي، ئەمەلىيەتچىللىكىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىمەن. ھەقىقەتەن، ھىندىستان - جۇڭگو ئىككى دۆلەت تارىخقا يۈزلىنىپلا قالماستىن تېخىمۇ مۇھىمى تارىختىن ھالقىپ، كەلگۈسىنى ئېچىشى كېرەك. 21 - ئەسىرگە كىرگەندە، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئالغا بېسىشى ھىندىستان - جۇڭگو ھەمكارلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بولغان دوستلۇقنى ئىنتايىن قەدىرلەيمەن، سىز بىلەن بۇ خىل پايدىلىق ۋە مول ئۈنۈملۈك ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى داۋاملىق ساقلاپ، قول تۇتۇشۇپ ھىندىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايمەن. مەن جۇڭگودا يەنە زىيارەتتە بولۇپ سىز بىلەن ئۇچرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.