تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش

شىنجاڭ داشۆسىنىڭ «قوش بىرىنچى قاتار» قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئىچكىرى رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭ داشۆسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ داشۆسىنىڭ «قوش بىرىنچى قاتار» قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 2019- يىللىق ئىچكىرى رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ شىنجاڭ داشۆسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن، چىڭخۇا داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى چېن شۈ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

لى پېڭشىن سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مائارىپ ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش سالمىقى سىجىل زورايتىلدى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىڭخۇا داشۆسى قاتارلىق ئىچكىرى رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش ئارقىلىق شىنجاڭ داشۆسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ «مىنىستىرلىق، ئۆلكە بىرلىكتە قۇرۇش» ۋە «قوش بىرىنچى قاتار» قۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ پەنلەر قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئوقۇش - ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش سۈپىتى تەدرىجىي ئۆستۈرۈلۈپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بۇرچى، مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 7- قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ داشۆسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش كېرەك. ئىچكىرى رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، مەكتەپلەر ئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەقلىي كۈچ مەدىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ پەنلەر قۇرۇلۇشى، پەن تەتقىقات ئىقتىدارى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، مەكتەپ باشقۇرۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭ داشۆسى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەقىقىي تۈردە نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئەڭ زور ئۈنۈم ئېففېكتىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ماھىيەتلىك مەزمۇن شەكلىدىكى تەرەققىياتنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك.

چېن شۈ نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئالىي مەكتەپلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە باشتىن - ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «مائارىپنىڭ دۆلەتنىڭ زور تەدبىرى، پارتىيەنىڭ زور تەدبىرى» ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئالىي مائارىپ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ «قوش بىرىنچى قاتار» قۇرۇلۇشىنى پائال قوللىدى. نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ ۋە كۈچنى توپلاپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شۆيۈەنلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ قۇرۇش قاتارلىق نىشانلىق ياردەم بېرىش يېڭى ئەندىزىسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

چېن شۈ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئوقۇش - ئوقۇتۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مائارىپ سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ داشۆسىنى سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەيدىغان، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەيدىغان مۇستەھكەم بازىغا ئايلاندۇرىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يېڭى يولى، يېڭى چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۆزىنىڭ پەنلەر ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سېلىنما سالمىقىنى زورايتىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، شىنجاڭ داشۆسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

يىغىندا چىڭخۇا داشۆسىنىڭ ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىسلەر خىزمەت پونكىتى قاتارلىق مۇھىم، زور پەن تەتقىقات سۇپىلىرىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى رېن خۇا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شىئەن قاتناش داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى جاڭ مەيزېڭ، جۇڭشەن داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى چېن چۇنشېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى