تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ياڭراق ئاۋازىم بىلەن كۈيلەيمەن»

غېيزاتوللا: «مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ياڭراق ئاۋازىم بىلەن كۈيلەيمەن»

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نېسبېك

9- ئاينىڭ 23- كۈنى، «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» بولۇش سۈپىتى بىلەن، غېيزاتوللا ئەنۋەر بېيجىڭغا بېرىپ تەقدىرلىنىش ئالدىدا، غۇلجا شەھىرى ئالتە شوئار كوچىسىنىڭ خاس مەھەللە رايونىدا بىر مەيدان ئويۇنغا قاتناشتى. سەھنىدە، غۇلجا شەھىرى ئالتە شوئار مەھەللىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاككوردىيونچىلار مۇزىكا ئەترىتىنىڭ ئەزاسى غېيزاتوللا چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن تاتار مىللىتىنىڭ خەلق ناخشىسى «سېغىنىش»نى ئېيتتى. «ناخشا ساداسى بىلەن ئاككوردىيون ساداسى ھازىر مېنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ رەڭدار مەدەنىيىتىنى تارقىتىدىغان قانىتىم، مەن ھەربىر مەيدان ئويۇننى قىزغىن سۆيىمەن.» غېيزاتوللا مۇنداق دېدى: «ئويۇنىمىزنى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ خۇشال بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، كۆپچىلىكنىڭ بىزنىڭ ئويۇنىمىز ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن».

2009 - يىلى پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن، غېيزاتوللا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ كادىرى بولۇپ، ئاساسلىقى مىللىي تىل تەرجىمە ئىشلىرى، دەرس ئۆتۈش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى تىل ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەمۇرىي باشقارمىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، ئىشخانا مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ دەرسنى جانلىق، قىزىقارلىق ئۆتىدىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چوڭقۇر ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇش - ئوقۇتۇش سېپىدىكى بىر پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ياش ئوقۇتقۇچىلارغا تەجرىبە ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇش - ئوقۇتۇش خىزمىتىدە يولۇققان قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەرگەن.

«مەن پارتىيە مەكتىپىنىڭ كادىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىزنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم خىزمىتىمىز. مەن ھەر ۋاقىت باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى قىلىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىمەن» دېدى غېيزاتوللا.

غۇلجا كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت توپلانغان جاي، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداشمۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، غېيزاتوللا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «مەدەنىيەتنى قوغداشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى» «تاتار مىللىتىنىڭ يېقىنقى زامان شىنجاڭ مائارىپى ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى ھەمدە ئۇنىڭ تەسىرى توغرىسىدا» قاتارلىق 70 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە يېزىپ ھەم ئېلان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك كۈچىنى قوشتى.

غېيزاتوللا تاتار مىللىتىدىن بولۇپ، كىچىكىدىنلا ئۈچ - تۆت خىل تىلدا سۆزلىيەلەيتتى. ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر بولۇشتەك مەدەنىيەت كەيپىياتىنىڭ تەسىرىدە، ئۇ كىچىكىدىنلا ئەدەبىيات - سەنئەتكە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئاككوردىيون چېلىشقا ماھىر ئىدى.

2018- يىلى، غېيزاتوللا يېڭى كىشىلىك تۇرمۇش سەھنىسىنى تاپتى، ئۇ ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان يەتتە دوستى بىلەن ئالتە شوئار مەھەللىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاككوردىيونچىلار مۇزىكا ئەترىتىنى قۇردى. بۇ سەھنە غېيزاتوللانى ناخشا ساداسى ۋە ئاككوردىيون ساداسى ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇقنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، مۇزىكا ئەترىتى 30 نەچچە مەيدان ھەر خىل ئويۇن قويدى. «ئىلگىرى، مەن پەقەت بىر ئاككوردىيون ھەۋەسكارى ئىدىم، ھازىر، مەن مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ياڭراق ئاۋازىم بىلەن كۈيلەيمەن.» دېدى غېيزاتوللا.

«مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىپ، بېيجىڭغا بېرىپ تەقدىرلەنگەنلىكىدىن غېيزاتوللا ھەسسىلەپ ئىلھاملاندى: «ۋەتىنىمىز كۈنسېرى قۇدرەت تېپىۋاتىدۇ، بىز تېخىمۇ قەتئىي ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ئۆز كۈچىمىزنى داۋاملىق قوشۇشىمىز كېرەك».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى