تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«ئاممىنىڭ تەبەسسۇمى خىزمىتىمنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى»

ئامانتۇر: «ئاممىنىڭ تەبەسسۇمى خىزمىتىمنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى»

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

10- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتى سارقوبۇ يېزىلىق توك بىلەن تەمىنلەش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى ئامانتۇر ھېسامىدىن تيەنئەنمېن مەيدانىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتنىشىپ، نەق مەيداندا ھەربىي پارات مۇراسىمى ۋە ئامما نامايىشى پائالىيىتىنى كۆردى.

يېقىندا «مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن ئامانتۇر تېلېفوندا خۇشاللىقىنى باسالمىدى: «مەن مۇشۇنداق تەنتەنىلىك مەنزىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈش پۇرسىتى بولىدىغانلىقىنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغانىدىم. جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پەخىرلەندىم ۋە ئىپتىخارلاندىم. قايتىپ بارغاندىن كېيىن، بېيجىڭدا كۆرگەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى يۇرتداشلارغا سۆزلەپ بېرىمەن».

بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن ئامانتۇر بۇلتۇر تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەنتتە تۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى ئىلى توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ نىلقا ناھىيەسى قارا سۇ يېزىسىنىڭ چوڭ قارا سۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى بولغان.

توك بىلەن تەمىنلەش پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقلىقىدىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى بولۇشقىچە، ئامانتۇرنىڭ خىزمەت ئورنىدا ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش ئىرادىسى ۋە ھەرىكىتىدە ئۆزگىرىش بولمىدى.

2018- يىلى كەنت ئاھالىسى ما لەنخۇا ئاغرىپ قېلىپ ئىككى قېتىم دوختۇرخانىدا داۋالاندى، ئامانتۇر ئۇنىڭ ھالىدىن كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىپ، ھويلا - ئارانلىرىنى تازىلاپ، باشقۇرۇپ بەردى، يەنە ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە تۇرۇبا سۈيى ئەكىرىشىگە ياردەم بەردى، ئۇنىڭ داۋالىنىش خىراجىتى يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

كېسىلى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ما لەنخۇا ئامانتۇرنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ۋە ياردەم بېرىشى بىلەن، يېزىدىكى ئاساسلىق كوچىدىن بىر دۇكان ئىجارىگە ئېلىپ ناشتىلىق ساتتى، ھازىر ئۇنىڭ كىرىمى مۇقىم بولۇپ، سودىسى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

كەنت ئاھالىسى جاڭ شېڭجۈن روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، تۇرمۇشتا ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايتتى. 2018- يىلى كۈزدە، جاڭ شېڭجۈننىڭ قىشنى ئىسسىق ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، كەنت ئۇنى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ قورۇسىدا تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئامانتۇر تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ، چېچىنى ياساپ، تاماق ئاپىرىپ بېرىپ، ئۆيىنى تازىلاپ، «مېھىر - شەپقەت ئۆي خىزمەتچىسى» بولدى.

كەنتتە زىيارەتتە بولغاندا، ئامانتۇر كەنت ئاھالىسى قانات تۇردىخوجىنىڭ ئائىلىسىدە تۆت جان بارلىقى، ئىقتىسادىي كىرىم مەنبەسىنىڭ بىرلا خىللىقى، كىرىمىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئائىلىسىدىكى قوتاننىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى، قايتا سېلىشقا مەبلىغى يېتىشمەي، چارۋىلىرىنىڭ قىشتىن ئۆتۈشىگە تەسىر يەتكەنلىكىنى بىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ يېڭى قوتان سېلىشىپ بەردى.

ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايدىغان مۇشۇنداق كىچىك ئىشلارنى ئامانتۇر ئۇدا ئون نەچچە يىل داۋاملاشتۇردى. ئۇ سارقوبۇ يېزىلىق توك بىلەن تەمىنلەش پونكىتىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى باشلاپ، يېزا - كەنت باشلانغۇچ مەكتەپلىرىگە بېرىپ 40 نەچچە ئادەم قېتىم ئوقۇشقا ياردەم بەردى، ئىگە - چاقىسىزلار، مېيىپلەر، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە 100 نەچچە قېتىم خالىس مۇلازىمەت قىلدى. يەنە توك بىلەن تەمىنلەش پونكىتىدا «مېھىر - شەپقەت تاللا بازىرى» ئېچىپ، قاراشلىق رايوندىكى قىيىنچىلىقى بار دېھقان - چارۋىچىلارغا ياردەم بەردى.

«ئاممىنىڭ كۈلكىسى خىزمىتىمنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. يۇرتداشلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشى ئۈچۈن قىلغان بارلىق خىزمىتىم ئەرزىيدۇ» دېدى ئامانتۇر.

ھازىر ئامانتۇر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى ئېسىل ئىستىلىنى يەنە خىزمەت ئەترىتىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئاممىۋى خىزمەت تەجرىبىسى مول بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەردى، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش، چارۋىچىلارغا ياردەم بېرىش، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا يار - يۆلەك بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى