تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ يىچاڭ خەۋىرى، فوتوسى) 10- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى، ناھىيەلىك پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتى ئۈرۈمچى ناھىيەسى يوڭفېڭ بازىرىدىكى شىپاخانىدا بۇ ئايدا تۇغۇلغان ئۈچ مۇنەۋۋەر ئاھالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى، ھەمدە تۇغۇلغان كۈن تورتى سوۋغا قىلدى؛ كەنت ئاھالىلىرى ۋە پېنسىيەگە چىققان خادىملاردىن بولۇپ جەمئىي 35 كىشىنى ئىللىق يۇرت- ماكان قۇرۇلۇشىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا، تام رەسىمنى كۆرۈشكە تەشكىللىدى. كەنت ئاھالىلىرى مۇنداق دېدى: «بۈگۈن شۇنچە كۆپ ئادەم بىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمىزنى ئۆتكۈزۈپ بەردى، بەكلا خۇشال بولدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىمىز.»
كەنت ئاھالىلىرى ۋە پېنسىيەگە چىققان خادىملار تام رەسىمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
كەنت ئاھالىلىرى ۋە پېنسىيەگە چىققان خادىملار PPT نى كۆرمەكتە.
ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ بازىرىدىكى شىپاخانىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ما يامىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كېسىلىنى خالىسانە كۆرمەكتە.
خىزمەتچى خادىملار كەنت ئاھالىرى ۋە پېنسىيەگە چىققان خادىملارغا ئويۇن قويۇپ بەرمەكتە.
خىزمەتچى خادىملار تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن ئائىلە ئەزالىرىغا تۇغۇلغان كۈن تاجىنى تاقاپ قويماقتا.
ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ بازىرىدىكى شىپاخانىدا، كەنت ئاھالىلىرى، پېنسىيەگە چىققان خادىملار ۋە خىزمەتچى خادىملار بىرلىكتە تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنى ئېيتماقتا.
ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ بازىرىدىكى شىپاخانىدا خىزمەتچى خادىملار كەنت ئاھالىلىرى ۋە پېنسىيەگە چىققان خادىملار بىلەن بىرلىكتە تۇغۇلغان كۈن تورتىنى يېمەكتە.
ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ بازىرىدىكى شىپاخانىدا، خىزمەتچى خادىملار، كەنت ئاھالىلىرى ۋە پېنسىيەگە چىققان خادىملار بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ بازىرىدىكى شىپاخانىدا، خىزمەتچى خادىملار كەنت ئاھالىلىرى ۋە پېنسىيەگە چىققان خادىملارغا خاتىرە بۇيۇم سوۋغا قىلماقتا.