تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كونا گېزىتتىن پايدىلىنىپ سېسىق پۇراقنى يوقاتقىلى بولىدۇ

  كونا گېزىتلەرنى تاشلىۋېتىش، سېتىش تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش، ئۇنداقتا كونا گېزىتلەرنى ئەپچىل ئىشلىتىش ئۇسۇلى بارمۇ؟ ياپونىيە تۇرمۇش تور بېكىتى «نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش (KAUMO)» بىر قانچە ئەپچىل چارىنى تونۇشتۇردى.

    1.چاڭ- توزان تازىلاش. نەمدەلگەن گېزىتنى يىرتىپ پارچە-پارچە قىلىپ، سۈپۈرۈدىغان جايغا چېچىپ سۈپۈرگەندە، چاڭ-توزانلارنىڭ ئۇچۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. 

  2. ئەينەك سۈرتۈش. ئەينەكنى سۇ بىلەن سۈرتكەندىن كېيىن، گېزىت بىلەن يەنە بىر قېتىم سۈرتسەك، ئەينەكنى پارقىراق قىلىدۇ ھەمدە ئاسان مەينەت بولمايدۇ.

  3.ئاياغدىكى سېسىق پۇراقنى ئالىدۇ. كونا گېزىتنى پوملاپ ئاياغقا سالغاندا، ئاياغدىكى نەملىكنى ئېلىپ، سېسىق پۇراقنى يوقىتىپلا قالماي، يەنە ئاياغنى شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. گېزىتنى ئاياغ ئىشكاپىغا سېلىپ قويغاندا، يەنە نەملىكنى تارتىپ، پۇراقنى يوقىتىپ، پاكىزلىقنى ساقلايدۇ.

  4.دېرىزىدىكى قىرونى تازىلاش. قاتلانغان گېزىتنى دېرىزىنىڭ يوچۇقىغا قىستۇرۇپ قويسا، سىرتتىكى سوغۇق ھاۋانىڭ ئۆي ئىچىگە كىرىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نەملىكنى يوقىتىش ئۈنۈمى بولۇپ، قىشتا دېرىزىنى قىرو باغلاشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  5.كىيىمنى قۇرۇتۇشنى تېزلىتىدۇ. ياز پەسلىدە نەملىك يۇقىرى بولغاچقا، يۇيۇپ بولغان كىيىملەر تەستە قۇرۇيدۇ. شۇڭا كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ئارىسىغا بىرنەچچە كونا گېزىتنى پوملاپ قويۇپ قويساق، نەملىكنى ئېلىپ، كىيىملەر تېز قۇرۇيدۇ.

  6.ئەخلەتنىڭ پۇرىقىنى ئالىدۇ. گېزىتكە كۆكتات قاتارلىق «ھۆل ئەخلەت»لەرنى ئوراپ قويغاندا، ئىچىدىكى سۇ پارىنى سۈمۈرۈپ، ئەخلەت تۇڭىدىكى سېسىق پۇراقنى ئالىدۇ. زاكا قاتارلىق پۇرىقى بولغان ئەخلەتلەرنى گېزىت بىلەن ئورىسىمۇ بولىدۇ.

  7.كۆكتات، مېۋىلەرنىڭ ساقلاش مۇددىتىنى ئۇزارتىدۇ. كاۋا، لوبو قاتارلىق كۆكتاتلارنى گېزىت بىلەن ئوراپ، شامال ئۆتۈشىدىغان جايدا ساقلاشقا بولىدۇ. بەسەي، بوسەي، لۇسۈن قاتارلىق سوغۇق ساقلاشقا توغرا كېلىدىغان كۆكتاتلارنى نەمدەلگەن گېزىت بىلەن ئوراپ، ئۇنى بىر قەۋەت سۇلياۋ خالتىغا قاچىلاپ توڭلاتقۇغا سالسا، ساقلاش مۇددىتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

                                                  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى