تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شەھەر - بازارلاردا 466 مىڭ 700 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ تۈردىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچىدە يىللىق ۋەزىپە مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالدى

شەھەر - بازارلاردا 466 مىڭ 700 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى

66 مىڭ 300 كىشى يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلىدى، ئېغىر نامرات ناھىيەلەردىكى نامرات ئائىلىلەردىن 65 مىڭ 74 كىشى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى چۇنشيانىڭ 10- ئاينىڭ 11- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئېشىشىنى ساقلىغان، شەھەر - بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق كۆپ تۈردىكى كۆرسەتكۈچلەردە يىللىق نىشان - ۋەزىپە مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالغان، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەر ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن مۇقىم ئاشقان.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر - بازارلاردا 466 مىڭ 700 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلىشىپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە %103.7 ئورۇندالغان؛ شەھەر - بازارلاردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلاردىن 41 مىڭ 900 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە %104.74 ئورۇندالغان؛ 66 مىڭ 300 ئادەم يېڭىدىن ئىگىلىك تىكلەپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە %221 ئورۇندالغان، 129 مىڭ 900 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە %144.3 ئورۇندالغان؛ ساياھەت كەسپىدە «يەتتە بىر تۈركۈم» يولى ئارقىلىق 44 مىڭ 636 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق ۋەزىپە %111.59 ئورۇندالغان.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇقىم ئالغا سىلجىتىلغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 2 مىليون 575 مىڭ 500 ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە %95.39 ئورۇندالغان؛ 22 ئېغىر نامرات ناھىيەدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى 65 مىڭ 74 ئەمگەك كۈچى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە %162.69 ئورۇندىلىپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە مۇددەتتىن بۇرۇن ئاشۇرۇپ ئورۇندالغان.

ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نۇقتىلىق توپلارنىڭ بىرى. 2019- يىلى ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق مۇشۇ قاراردا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى 94 مىڭ 868 بولۇپ، 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 76 مىڭ 8 كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %80.12 بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللاردىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا تۇنجى قېتىم %80تىن ئاشقان.

ماھارەت ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ ئاساسى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە 910 مىڭ 200 ئادەم قېتىمنى تۈرلۈك كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە %82.75 ئورۇندالغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە 519 مىڭ 700 ئادەم قېتىم تەربىيەلىنىپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە %146.95 ئورۇندالغان؛ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە 186 مىڭ 300 ئادەم قېتىم تەربىيەلىنىپ، يىللىق نىشان - ۋەزىپە %199.49 ئورۇندالغان.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ما جيەنيۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇزاق مەزگىللىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرگەن. 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا جەمئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم مەبلىغى 2 مىليارد 234 مىليون يۈەن بولۇپ، 613 مىڭ كىشى تۈرلۈك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولغان؛ جەمئىي 393 مىليون يۈەن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم پۇلى تارقىتىلىپ، 8058 كارخانىدىكى 1 مىليون 120 مىڭ 900 ئىشچى - خىزمەتچىگە نەپ يەتكۈزۈلگەن؛ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدا 1 مىليارد 324 مىليون يۈەن ھەقنى تۆۋەنلىتىش ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ يۈكى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىلگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى