تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى

10-ئاينىڭ 11-كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چېننايدا ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ھىندىستان چېنناي، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن يۇڭ، خو شياۋگۇاڭ، لو جۈن) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 11-كۈنى چېننايدا ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ چۈشكەن مېھمانخانىدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ماخابالى پۇرام قەدىمىي ئىبادەتخانىلار توپىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. يول بويى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چوڭ سۈرەتلىرى ھەممىلا يەردە كۆرۈنۈپ تۇراتتى، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ھەر ساھە ئامما ۋە ياش ئوقۇغۇچىلار يولنىڭ ئىككى ياقىسىدا تۇرۇپ جۇڭگو - ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ قارشى ئالدى، مىللىيچە چىرايلىق كىيىنگەن ياش ئوغۇل - قىزلار دۇمباق چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىدى.

مودى كىرىش ئېغىزىدا كۈتۈۋېلىپ، شى جىنپىڭنىڭ چېننايغا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر مەن زۇڭلى ئەپەندى بىلەن ۋۇخەندە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتىنى يېڭى باسقۇچقا كىرىشكە يېتەكلىدۇق. مەن سىزنىڭ تەكلىپىڭىزگە بىنائەن، ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تەمىل نەدۇ ئىشتاتىغا كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشال، ھىندىستانغا بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقۇسى.

ماخابالى پۇرام قەدىمىي ئىبادەتخانىسى مىلادىيە 7-ئەسىردىن 8-ئەسىرگىچە سېلىنغان بولۇپ، ئەرجۇنە تاش ئويمىسى، بەش ئۇرۇش ماشىنىسى بۇتخانىسى، دېڭىز قىرغىقى بۇتخانىسى قاتارلىق قەدىمىي يادىكارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. مودى شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ بىر-بىرلەپ ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم ئۆزى چۈشەندۈردى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ماڭغاچ سۆزلىشىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مەدەنىيلىك سۆزلىشىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئۈستىدە ئورتاق پاراڭلاشتى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەمىل نەدۇ ئىشتاتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ تارىخى ئۇزاق، قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگو بىلەن بولغان دېڭىز سودا ئالاقىسى قويۇق بولۇپ، قەدىمكى يىپەك يولىدىكى دېڭىز مال ئۆتەڭ بېكىتى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگو بىلەن ھىندىستان نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلدى. ئىككى دۆلەت ئەجدادلىرى قاتمۇقات توسالغۇلارنى يېڭىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەدەبىيات، سەنئەت، پەلسەپە، دىننىڭ تەرەققىياتى ۋە تارقىلىشىغا تۈرتكە بولدى، ئىككىلا تەرەپ كۆپ نەپكە ئېرىشتى. جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ قېزىشقا بولىدىغان يوشۇرۇن كۈچى زور. ئىككى تەرەپ كېلەر يىلىدىكى جۇڭگو-ھىندىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق ئادىمىيەت ئالاقىسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، ئاسىيا مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشى كېرەك.

مودى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز تۇرۇۋاتقان بۇ قەدىمىي ئىبادەتخانىلار توپى ھىندىستان مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە ئىمارەتلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى بولۇپ، ھىندىستان-جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئون نەچچە ئەسىر ھالقىغان مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۇزاق تارىخىي ئالاقىسىگە گۇۋاھ بولدى. نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق ھىندىستان-جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھازىر مۇھىم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، شۇنداقلا پۈتۈن يەر شارىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھىندىستان-جۇڭگو مەدەنىيلىكى قەدىمىي، چوڭقۇر، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەقىل-پاراسەت بۈگۈنكى دۇنيا دۇچ كەلگەن تۈرلۈك خىرىسلارنى ھەل قىلىشنى ئىلھام بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شى جىنپىڭ مودىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ھىندىستاننىڭ قەدىمىي مەدەنىيلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان پولودو ئۇسسۇلى قاتارلىق ھىندىستاننىڭ كىلاسسىك ئۇسسۇللىرىنى كۆردى.

چەكسىز يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئاستىدىكى دېڭىز قىرغىقى بۇتخانىسىدا بىپايان ھىندى ئوكيانغا قاراپ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ بىلەن مودى جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىچكى تەرەققىياتى توغرىسىدا كەڭ-كۇشادە پاراڭلىشىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ بىردەك مۇنداق قارىدى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو-ھىندىستان ئىككى چوڭ مەدەنىيلىكىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.