تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى رائۇل كاسترو ۋە كۇبانىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دۆلەت رەئىسى دىئاز كانېرغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى رائۇل كاسترو ۋە كۇبانىڭ يېڭىدىن سايلانغان دۆلەت رەئىسى دىئاز كانېرغا تېلېگرامما يوللاپ، كۇبا 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق ھاكىمىيىتى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئالاھىدە يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى ھەم دۆلەت رەئىسىنىڭ سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق كۆرسەتتى: يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو - كۇبا ئىككى دۆلەت خەلقى چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى، جۇڭگو بىلەن كۇبا سەمىمىي، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، تەقدىرداش ياخشى دوستلار، ياخشى ھەمراھلار، ياخشى قېرىنداشلارغا ئايلاندى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، 1- شۇجى رائۇل كاسترو بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - كۇبا دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈشنى خالايمەن، رەئىس دىئاز كارنېر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ كەڭلىك دەرىجىسى ۋە چوڭقۇرلۇق دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشنى، جۇڭگو - كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.