تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز

ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى −

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز

ئۇدا بىر قانچە كۈندىن بۇيان، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، يېڭى مۇساپىدە داۋاملىق كۈرەش قىلىشنىڭ ئۇلۇغ چاقىرىقى چىقىرىلدى، بۇ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېڭى شان - شەرەپكە يۈزلىنىشىنىڭ خىتابنامىسى ۋە سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى. ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە، بىز چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى جياڭ پىڭئەن مۇنداق دېدى: 70 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاسان قولغا كەلمىگەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتى، بەختى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، كېڭىشىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى، ياخشى ياردەمچىسى، ياخشى خىزمەتدىشى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز.

جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى چېن چى مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئەسلەپ ئۆتۈلدى، شۇنداقلا بىزنىڭ يېڭى دەۋردە داۋاملىق كۈرەش قىلىشىمىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيەلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇردى. جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىرادىسىدىن يانماي چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «تۆتتە يېڭى» «ئۈچتە ياخشى» تەلىپى بويىچە، ھەمكارلىقتىكى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش، جەمئىيەت مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىق ئىشلىرىدا پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.

جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى دۇڭ شىنگۇاڭ مۇنداق دېدى: 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى جۇڭگو دۇنيا يېڭىچە نەزەردە قارايدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى باشتىن - ئاخىر كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىساد ساھەسى بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە جەمئىيەت مۇلازىمىتى خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مەركىزىي خىزمەتنى زىچ چۆرىدەپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيەلىك فۇنكسىيەسىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى باۋ ئەنمىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كىشى قەلبىنى ئىلھاملاندۇرىدۇ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. يېڭى تارىخىي مۇساپىدە، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى باشتىن - ئاخىر كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقىنى ئورنىتىش ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مائارىپ، مەدەنىيەت، نەشرىيات، تاراتقۇ ساھەسىدىكى ساھە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئومۇم ئۈچۈن جەمئىيەت قۇرۇش» ئېسىل ئەنئەنىسىنى خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ئەمەلىيىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشىدۇ.

جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى ئۆگىنىش داۋامىدا مۇنداق قارىدى: 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈزبېرىپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان جۇڭگو مۆجىزىسى يارىتىلدى. جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى مېڭ چىڭسەي مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەۋى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئېسىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشىمىز.

«3- سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى ئۆگىنىش داۋامىدا مۇنداق قارىدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ كاپالىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، «3- سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى ۋەتەننى سۆيۈش، دېموكراتىك بولۇش، ئىلمىي بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇش، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ كۈچەيتىپ، ئالاقە باغلىغان پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەش، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىقتىكى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ تيەن گاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىز ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە بوشاشماي كۈرەش قىلىش ئىشەنچىنى مۇجەسسەملەپ بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى سىستېمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ئىشلىرىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

پارتىيە - گۇرۇھسىز زات، شىنجاڭ سىفەن داشۆسىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى گۈلپەرى ئابدۇللا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە يېڭى جۇڭگو قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ئىخچام خۇلاسىلىنىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدىكى ئۇلۇغۋار پىلان پىلانلىنىپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنىڭ سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىلدى. مەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش بۇرچىنى ھەقىقىي زىممەمگە ئېلىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق مائارىپ ئىشلىرىغا بولغان چەكسىز ساداقىتىمنى ئىزاھلايمەن.

(شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يۈەن لېي، لى ياڭ، مېھرىگۈل غوپۇر، ۋاڭ يۈجاۋ، جاۋ شىيا، شيې خۈيبيەن يازغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى