تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈش مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈش مۇھاكىمە يىغىنى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئەستايىدىل ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 1- كەسىپنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تەجرىبە، ئۇسۇللىرى خۇلاسىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەۋزەللىكلىرى ۋە كەمتۈكلۈكلىرى سىستېمىلىق تەھلىل قىلىنىپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىنىپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تۈرتكە بولۇش، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەسىپلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ كۈچەپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ شەكلىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېيىتىپ، كەسىپ باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، كەسىپلەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. لېكىن، شۇنىڭ بىلەن بىللە بەزى يېتەرسىزلىكلەرمۇ ساقلاندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا، قەلبلەرگە سىڭىشىشىگە، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تىرىشىپ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ياخشىلاش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، خاس كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئالاھىدىلىكى روشەن، ئەۋزەللىكى توپلانغان، كەسىپلەر يۇغۇرۇلغان، بازار رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بولغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئەۋزەل رايونى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇش كېرەك. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى كۆزلەپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلى ھەم جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بايلىق تەقسىماتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنىڭ يېشىل تەرەققىيات سەۋىيەسى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى سەۋىيەسى، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. يېزا - كەنت سېلىنما كاپالىتى سىستېمىسى، يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت سىستېمىسى، ئىختىساسلىقلار تىرىكى سىستېمىسى، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش سىستېمىسى، يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېزا - كەنت كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن دۇڭ شىنگۇاڭ، مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ قاتناشتى. ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك سىستېمىسىدىكى قىسمەن ئورۇنلار، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، تەتقىقات ئۆمەكلىرى، كارخانىلار ۋە ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار مەخسۇس تېمىدا دوكلات بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى