ئاپتونوم رايون تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچتى
يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10- ئاينىڭ 11- كۈنى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئاچقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون دەرھال تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈشنى تەكىتلىدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى تيەن ۋېن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇش دەۋرنىڭ ئېھتىياجى، بۇرچى، ئاممىنىڭ ئارزۇسى، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پائال ئىلگىرى سۈردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى جايلار ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئاڭلىق ئىزدەندى.
يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام خىزمەت كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاممىنى تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، تىرىشىپ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، يېزىلارنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پىدائىيلار مۇلازىمەت مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشۇش كېرەك. بازا بايلىقىنى بىرىكتۈرۈپ، «بەش چوڭ سۇپا» بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەشۋىقات، تەربىيەسىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى تەربىيەلەپ، مەدەنىي يېڭى ئىستىل يېتىلدۈرۈش كېرەك. يېزىلارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى، تۇرالغۇ مۇھىتى، تەرەققىيات مۇھىت سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.