تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

«ۋەتەن ئۈچۈن داۋاملىق پادا بېقىپ چېگرا چارلايمەن»

− شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9- شىسى 161- تۇەنىنىڭ چېگرا قوغدىغۇچىسى ۋېي دېيوۋ توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋيەن

«مەن يەنە تىرىشىپ، ۋەتەن ئۈچۈن داۋاملىق پادا بېقىپ چېگرا چارلايمەن». «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ۋېي دېيوۋ مۇنداق دېدى: مەن تېخىمۇ چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ياخشى زىممەمگە ئېلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

 مەڭگۈ ئەسكەر

1964- يىلىنىڭ بېشىدا، 24 ياشلىق ۋېي دېيوۋ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بېيجىڭدىن شىنجاڭنىڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىگە كېلىپ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9- شىسى 161- تۇەنى ئەسلىدىكى ئەسكەرلەر 2- ليەنىنىڭ «يېڭى ئەسكىرى»گە ئايلاندى.

دۆلەت مۇداپىئەسى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئەسلىدىكى ئەسكەرلەر 2- ليەنى ئادىمىزات ئاياغ باسمىغان ساربۇلاق يايلىقىغا ئورۇنلاشتى. تۇپراقنىڭ شورلىشىشى ئېغىر بولغاچقا، بۇ يەردە ئوت - چۆپ، دەل - دەرەخلەر ئۆسمەيتتى، بىر پارچە چۆل - جەزىرە ئىدى. بۇ قاقاس چېگرا لىنىيەسىدە ۋېي دېيوۋ توپتوغرا 55 يىل چېگرانى چارلىدى، باسقان ئومۇمىي مۇساپىسى 200 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشقان بولۇپ، بۇ يەر شارى ئېكۋاتورىنى نەچچە قېتىم ئايلىنىپ ماڭغانغا باراۋەر؛ چېگرادىن ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان نەچچە 10 مىڭ چارۋىنى توسۇدى، چېگرادىن ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان 1000 نەچچە كىشىنى نەسىھەت قىلىپ قايتۇردى. ۋېي دېيوۋ سەپداشلىرى بىلەن بىللە چېگرا لىنىيەسىنى بويلاپ پادا بېقىپ، يەر تېرىپ، چېگرانى چارلاش، ساقلاش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تەۋەلىكتە 20 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كۆچمە چېگرا تېشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھاياتى بىلەن ۋەتەن زېمىنىنى قوغدىماقتا.

«كۆز يەتكۈسىز چۆل - جەزىرە ئالدىدا، پۈتۈن ليەندىكى ئەر - ئايال، قېرى - ياش بىرلىكتە جەڭگە ئاتلاندى. شۇ چاغدا مەن بىر كۈندە ئىككىلا موما يەپ، بىر مودىن كۆپرەك يەر ئاچاتتىم ياكى كۆچەت تىكىدىغان 30 - 20 ئورەك كولايتتىم». ۋېي دېيوۋ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ قوللىرى ئۈستى ئۈستىلەپ قاپىرىپ كېتەتتى، بەزىلىرى مۇشتۇمىنىمۇ چىڭ تۈگەلمەي قالاتتى، لېكىن ھەممىسىنىڭ كۈرەش ئىرادىسى كۈچلۈك ئىدى».

ۋېي دېيوۋ بىڭتۇەنلىكلەرنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئالاھىدە بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغانلىقىنى چۈشىنەتتى. «بىڭتۇەنلىكلەر مەڭگۈ ئەسكەر!» ۋېي دېيوۋنىڭ قېپقېلىش ئىرادىسى قەتئىي ئىدى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇنىڭدا بىر ئۆمۈر چىڭ تۇردى.

 چېگرانى قوغدىغانلىق − دۆلەتنى قوغدىغانلىق

چېگرانى قوغداش ئۈچۈن ۋېي دېيوۋ تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق - چۈچۈكىنى يەتكۈچە تېتىدى، ئەمما 55 يىلدىن بۇيان، ئۇ باشتىن - ئاخىر بىر ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى: ئائىلىنىڭ ئۆزى قاراۋۇلخانا، چېگرانى قوغدىغانلىق − دۆلەتنى قوغدىغانلىق.

1969- يىلى ۋېي دېيوۋ تۇەن - مەيداننىڭ «تۆمۈر كالا ئەترىتى» ھەرىكىتىگە قاتناشتى، ساربۇلاقنى چارلاشتا، قوشنا دۆلەت قوشۇنلىرى بىلەن پات - پات سۈركىلىشىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى، ھەر ۋاقىت ئوق - دورىنىڭ پۇرىقى كېلىپ تۇراتتى.

شۇ مەزگىلدە، ۋېي دېيوۋ ساربۇلاققا بېرىپ كالا پادىسى گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىپ، بالىلىرىنى ئېلىپ ساربۇلاق ئېقىنىنىڭ يېنىدىكى گەمىگە كۆچۈپ كىردى.

1981- يىلى بىڭتۇەننىڭ تۈزۈلمىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئەسكەرلەر 2- ليەنىگە قاراشلىق جاي چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. 1984- يىلى 161- تۇەن كالا پادىلىرىنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتتى، ۋېي دېيوۋمۇ ئەسلىدىكى ئەسكەرلەر 2- ليەنىدىن باشقا ليەندۈيگە يۆتكىلىپ خىزمەت قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئۈچ تۇياق كالا، 20 تۇياق قوي سېتىۋېلىپ، پۈتۈن تۇەندە باقمىچىلىقنى باشلامچىلىق بىلەن راۋاجلاندۇردى. تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۇ ئەسكەرلەر 2- ليەنىدىن ئايرىلىشنى خالىمايتتى.

شۇ چاغدىكى تەۋەلىك چېگرا مۇداپىئە پونكىتىنىڭ ليەنجاڭى بەي سۇڭ ۋېي دېيوۋنى ئىزدەپ بېرىپ: «سىز كەتمەسلىكنى قارار قىلغان ئىكەنسىز، مەن جەڭچىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىدىغان قوي پادىسىنى سىزگە تاپشۇرۇپ بېرەي. كالا، ئات، قويلار چېگرا ئەسلىھەلىرى بولمىغان ئەھۋالدا ئاسانلا چەتكە چېتىشلىق ۋەقەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سىزنىڭ چېگرانى قوغداش تەجرىبىڭىز بار، سىز چېگرا قوغدىغۇچىسى بولۇڭ، بولامدۇ؟» دېدى.

ۋېي دېيوۋ دەرھاللا ماقۇل بولدى. بەي سۇڭ چېگرانىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى بىر تەۋەلىك رايوننى ۋېي دېيوۋنىڭ مال بېقىپ چېگرانى چارلاش رايونى قىلىپ بېكىتىپ، «خالىس چېگرا قوغدىغۇچى» دېگەن يەڭ بەلگىسى ۋە بىر دۇربۇن سەپلەپ بەردى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ۋېي دېيوۋنىڭ مەسئۇل بولغان رايوننى بىر ئايلىنىپ چىقىشى 15 كىلومېتىردىن كەم بولمىدى.

چېگرانى قوغدىغان 55 يىلدا، چارلاش جەريانىدا قانچىلىك يول ماڭغانلىقىنى، قانچە جۈپ ئاياغنىڭ يىرتىلغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، ئەمما ۋېي دېيوۋنىڭ قاراۋۇلخانىدا تۇرۇپ چېگرانى ساقلاش، زېمىننى قوغداش ئېتىقادى ۋە ئىرادىسى ئەزەلدىن ئاجىزلاپ قالمىدى.

 چېگرانى قوغداش بۇرچىنى قەتئىي ساقلاش

«نەچچە ئون يىل بولدى، نېمە ئۈچۈن بۇ قاقاس دالىدا بۇنداق جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرىسىز؟» بەزىلەر ھەمىشە ۋېي دېيوۋدىن مۇشۇنداق سورايتتى.

«مەن بىر پارتىيە ئەزاسى، پادا بېقىپ چېگرانى قوغداش مېنىڭ بۇرچۇم!» ۋېي دېيوۋنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ھەر كۈنى بىر ئايلىنىپ كەلمىسە، دۇربۇندا بىر كۆزىتىۋەتمىسە خاتىرجەم ئۇخلىيالمايدىكەن.

1983- يىلى 6- ئايدا، ۋېي دېيوۋ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى. 1984- يىلى، ئەسلىدىكى ئەسكەرلەر 2- ليەنى پارتىيە ياچېيكىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ بىرقانچە ئون يىلدا، ۋېي دېيوۋ پارتىيە بەدەل پۇلىدىن بىر پۇڭنىمۇ كەم قالدۇرمىدى، بەزىدە باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ تاپشۇردى، يەنە بەزىدە 30 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تۇەن تەشكىلات بۆلۈمىگە ئۆزى بېرىپ تاپشۇردى. تەشكىلىي تۇرمۇش ئۆتكۈزەلمىسە، ئۇ چېگرا مۇداپىئە پونكىتىغا بېرىپ ئەسكەر بالىلار بىلەن بىللە ئۆگىنىش قىلدى، كۆپ ھاللاردا رادىيودىن پارتىيەنىڭ ساداسىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «جاپانىڭ ئۆزى سىناقتۇر، مەيلى قاچان، قەيەردە بولاي ھەر ۋاقىت پارتىيە ئەزاسىلىق سالاھىيىتىمگە ماس كېلىدىغان ئادەم بولىمەن».

بىر قېتىم چارلاۋاتقان چاغدا، قار بارغانسېرى قاتتىق يېغىپ، تېمپېراتۇرا بارغانسېرى تۆۋەنلىدى، قار سۈيى ۋە تەردە ھۆل بولۇپ كەتكەن كىيىملىرى ناھايىتى تېزلا توڭلاپ قېتىپ كەتكەن ۋېي دېيوۋ ھەربىر قەدىمىنى ناھايىتى تەستە باساتتى. يالغۇز قېلىپ ياردەمگە موھتاج بولغان ئاشۇ پەيتتە، ئۇ يىراقتىن كېلىۋاتقان ئاجىز نۇرنى كۆرۈپ، قول چىرىغىنى ئېلىپ نۇر كۆرۈنگەن تەرەپكە قاراپ توختىماي ياندۇردى. ئاخىرىدا، يەرلىكتە تۇرۇشلۇق چېگرا مۇداپىئە پونكىتىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى يېتىپ كېلىپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇۋالدى.

«ھاۋا ياخشى بولمىغاندىكىن، بالدۇرراق قايتىپ كەلسىڭىز بولمامدۇ.» كۆپ قېتىم خوتۇنى ليۇ جىڭخاۋ چارلاشتىن قايتىپ كەلگەن ئېرىنىڭ ھالىنى كۆرۈپ، ئىچ ئاغرىتقىنىدىن يىغلاپ كەتتى. لېكىن ۋېي دېيوۋ ئىنتايىن جاھىللىق بىلەن: «تەشكىلنىڭ مېنى بۇ يەرنى مۇھاپىزەت قىلدۇرغانلىقى ماڭا ئىشەنگەنلىكى، مەن ۋىجدانىمغا يۈز كېلەلىشىم كېرەك !» دېدى.

قىز - ئوغۇللىرى ۋېي دېيوۋغا تۇەندىن بىنا ئۆي ئېلىپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ باشتىن - ئاخىر كېتىشنى خالىماي: «چېگرانى قوغدايدىغان ئادەم بولمىسا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن پارتىيە ئەزاسى، مەن قېپقېلىشىم كېرەك» دېدى.

تەشكىل ۋېي دېيوۋدىن ئائىلىسىدە قانداق قىيىنچىلىق بارلىقىنى سورىغاندا، ھەر دائىم «يوق» دېگەن جاۋابقا ئېرىشەتتى.

يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىلگىرىكى سەپداشلىرى كەينى - كەينىدىن يۇرتلىرىغا قايتىشتى، چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرى تۈركۈم - تۈركۈملەپ ئالماشتى، يايلاقتىكى چارۋىچىلارمۇ شارائىتى تېخىمۇ ياخشى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىغا كۆچۈپ كەتتى. لېكىن ۋېي دېيوۋ ئەر - خوتۇن قېلىشنى تاللاپ، بىر ئۆمۈر چېگرا تېشى ئەتراپىنى چىڭ ساقلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى