تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   سەلتەنەتلىك 70 يىل ، كۈرەشچان يېڭى دەۋر

ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىش

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10- ئاينىڭ 11- كۈنى تېلېگراممىسى 1979- يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىشنى بەلگە قىلىپ، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىدە مۇھىم قەدەم تاشلاندى.

پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىش تەسەۋۋۇرى تەدرىجىي شەكىللەندى. 1979- يىلى 4- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت يىغىنى ئېچىلدى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومدىكى مەسئۇل يولداشلار مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارغا دوكلات قىلغاندا، مەركەزنىڭ بىرقانچە ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن بىلەن قوشنا بولغان شېنجېن شەھىرى، جۇخەي شەھىرى ۋە مۇھىم چاۋمىنلار يۇرتى − شەنتوۋ شەھىرىدە ئېكسپورت تاۋارلىرىنى پىششىقلاش رايونى قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىش تەكلىپىنى بەردى. بۇ تەكلىپ مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىشىگە ئېرىشتى. دېڭ شياۋپىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومدىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەنىلا ئالاھىدە رايون دەپ ئاتىغان ياخشى، شەنشى - گەنسۇ - نىڭشيانى دەسلىپىدىلا ئالاھىدە رايون دەپ ئاتىمىدۇقمۇ! مەركەزدە پۇل بولمىسا، سىياسەت جەھەتتە ئازراق قوللىساق بولىدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلار قىلىۋېرىڭلار، توسالغۇلارنى بۆسۈپ يول ئېچىڭلار.

چوڭقۇر، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، 7- ئاينىڭ 15- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن ئىككى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ تاشقىي ئىقتىسادىي پائالىيەتلەردە ئالاھىدە سىياسەت ۋە جانلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى تەستىقلاپ تارقىتىپ، گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن ئىككى ئۆلكىنىڭ تاشقىي ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىگە قارىتا تېخىمۇ كۆپ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقى بېرىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالدى بىلەن شېنجېن، جۇخەي ئىككى شەھەردە قىسمەن رايونلارنى ئايرىپ چىقىپ، ئېكسپورت ئالاھىدە رايونى قۇرۇشنى سىناق قىلىش، تەجرىبە ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن شەنتوۋ، شيامېندا ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىشنى ئويلىشىشنى قارار قىلدى.

1980- يىلى 5- ئاينىڭ 16- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن «گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن ئىككى ئۆلكىنىڭ يىغىن مۇھىم خاتىرىسى»نى تەستىقلىدى. «ئېكسپورت ئالاھىدە رايونى» رەسمىي ھالدا «ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون»غا ئۆزگەرتىلدى. شۇ يىلى 8- ئايدا، 5- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 15- قېتىملىق يىغىنى شېنجېن، جۇخەي، شەنتوۋ، شيامېندا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىشنى قاراپ چىقىپ تەستىقلىدى ھەم «گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون نىزامى»نى ماقۇللىدى. بۇ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ رەسمىي دۇنياغا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بەردى.

1984- يىلى 1- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 2- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە، دېڭ شياۋپىڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شېنجېن، جۇخەي، شيامېندىن ئىبارەت ئۈچ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوننى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۈچ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونغا خۇشاللىق بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ بېغىشلىما يېزىپ بەردى.

ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايوندا قولغا كەلتۈرۈلگەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تەدرىجىي كېڭەيتىش ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنىمۇ مول تەجرىبە بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى