تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاقسۇ ۋىلايىتى: ئالتۇن كۈزدىكى مول ھوسۇل پەسلىدە، دېھقانلار خۇشاللىقتىن كۈلدى

10-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلىرى ئاۋات ناھىيەسى يۇقىرى ئېقىن سۇ ئامبىرى رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بوستان كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ پاختا تېرىشىغا ياردەملەشمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ خۇڭۋېن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ شىن فوتوسى، خەۋىرى): ئالتۇن كۈزدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلدى. يەنە بىر ھوسۇل پەسلى يېتىپ كەلدى، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېتىز-ئېرىقلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئالدىراشلىق مەنزىرىسى شەكىللەندى، دېھقانلار ھەر خىل زىرائەتلەرنى يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ چېھرىدىن مول ھوسۇل شادلىقى ئۇرغۇپ چىققانىدى.

  پاختىدىن مول ھوسۇل ئېلىپ، دېھقانلار خۇشاللىققا چۆمدى

  9-ئاينىڭ 21-كۈنى، بوستان كەنتى قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى 150 نەچچە نەپەر پاختا تەرگۈچىنى كۈتۈۋېلىپ، تەۋەلىكتىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ ئادەم تېپىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل بولدى. تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى خۇ ۋەنيۇڭ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا كۈز كېلىشى بىلەن پاختا تەرگۈچى تېپىش ئۈچۈن بېشىم قاتاتتى، ھازىر كەنت بىزگە پاختا تەرگۈچى تېپىپ بەردى، بىز پاختا تەرگۈچى تېپىش ئۈچۈن غەم قىلمايدىغان بولدۇق. بۇ يىل كېۋەزنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى ياخشى بولدى، مول ھوسۇل ئېلىشىمىز مۇقىملاشتى.»

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ بوستان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى لى جيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل خىزمەت ئەترىتىمىز ئاساسلىقى پاختا مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشقا كۆپ كۈچ سەرپ قىلدۇق، كۆپ قىسىم دېھقانلارنىڭ پاختا مەھسۇلات مىقدارى ئىلگىرىكىدىن ئاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت ئەترىتىمىز پاختىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچەپ، مۇكەممەل يۈرۈشۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.

  ئاق لوبو تېرىشتا زاكازغا كاپالەتلىك قىلىندى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىقتىساد ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئاساس قىلىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 40 نامرات ئائىلىنى 40 مو يەرگە ئاق لوبو تېرىشقا تەشكىللىدى. لوبو ئۇرۇقىنى خىزمەت ئەترىتى تەمىنلەپ بەردى، مەركەزلەشتۈرۈپ بىر تۇتاش تېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يېزا-بازارلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، ئېتىز-ئېرىق پەرۋىشىنى بىرلىككە كەلتۈردى، ئاساسلىقى «سېتىۋالغۇچى تەرەپ+كوپىراتىپ+نامرات ئائىلە» تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، بىر تۇتاش بازارغا سېلىپ ساتتى، ئىمزالانغان توختامغا ئاساسەن، بوز كەنتى كۆكتات ھەمكارلىق كوپىراتىپى نامرات ئائىلىلەر تېرىغان ئاق لوبونى بىر تۇتاش سېتىپ بېرىدىغان، شايار ناھىيەلىك جىنگۇ ئاشلىق-ياغ شىركىتى مەسئۇل بولۇپ سېتىۋالىدىغان، كىرىمنىڭ ھەممىسى نامرات ئائىلىلەرگە تەۋە بولىدىغان بولدى، ئومۇمىي كىرىمنىڭ 40 مىڭ يۈەندىن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

  ۋاقىت پەرقىدىن ئەپچىل پايدىلىنىپ، ئېڭىزلىققا تاۋۇز تېرىلىپ كىرىم ئاشۇرۇلدى

  ئېڭىز زىرائەتلىرىنى تېرىشنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە قارىتا، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بازاردىكى بوشلۇققا دىققەت قىلىپ، ۋاقىت پەرقىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى شۇ جاينىڭ ماس تۇپرىقى، كىلىماتى ۋە سۇ مەنبەسى شارائىتىدىن تولۇق پايدىلىنىشقا پائال يېتەكلەپ، بۇغداينى ئورۇپ بولغاندىن كېيىن، ئېڭىز تاۋۇزى تېرىپ، تۈجۈپىلەپ تېرىش ۋە ئىلمىي باشقۇرۇش ئارقىلىق، ئەڭ يۇقىرى مو بېشى مەھسۇلات مىقدارىنى 4000 كىلوگرامغا يەتكۈزدى، مو بېشى ساپ پايدا سوممىسىنى 1700 يۈەندىن ئاشۇردى.

  مېۋىلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سېتىلىپ، كىرىم ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى

  «ئاقسۇنىڭ ئالمىسى ناھايىتى داڭلىق، ھازىر ئىچكىرىدىكى نۇرغۇنلىغان خوجايىنلار بىۋاسىتە باغقا كېلىپ زاكاز قىلىدۇ.» ئاقسۇ شەھىرى خۇڭچىپو تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى خۇڭچىپو ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى باغۋەن ياڭ جېلىڭنىڭ دېيىشىچە، ئالما باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ھازىر ئۇ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا سېتىش ئەندىزىسى ئارقىلىق كىرىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

  بۇ يىل ياڭ جېلىڭنىڭ 20 مو باغدىكى ئالمىسىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 40 توننىغا يېتىشى، كىرىمىنىڭ 300 مىڭ يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. «بۇلتۇر ئائىلىمىز ئۆستۈرگەن ئالمىلارنىڭ ھەر كىلوگىرامى 8.5 يۈەن باھادا سېتىلغانىدى، بۇ يىل مەن ھەممىسىنى ئېلېكتىرونلۇق سودا يولى بىلەن ساتسام، كىرىمىم بۇلتۇرقى ئاساستا ئاشىدۇ» دېدى ياڭ جېلىڭ.

  ئاقسۇ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى