تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

خوشۇت ناھىيەسى دالاۋبا كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى پۇقراۋى قونالغۇدا «ئۈچتە ياخشى» يارىتىپ مېھمانلارنى جەلپ قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر شۆ يۈنشاۋ): «يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، قارىغۇلارچە شامالغا ئەگەشمەسلىك كېرەك.» يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكى تىلغا ئېلىنسا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسى ئۇششاقتال يېزىسىنىڭ دالاۋبا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى ليۇ جيەنخۇڭنىڭ ئۆزىنىڭ قارىشى بار.

  10-ئاينىڭ 8-كۈنى، ليۇ جيەنخۇڭ كەنت ئاھالىسى ما شياۋبىڭنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ پۇقراۋى قونالغۇسىنىڭ دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

  «ليۇ شۇجى، ئەينى چاغدا ھېلىمۇ ياخشى سىزنىڭ تەكلىپىڭىزنى ئاڭلاپ، پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىشتا مۇھىتنى ياخشىلاپ، خاسلىقنى چىڭ تۇتۇپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلاپتىكەنمىز. قاراڭە، مۇشۇ بىر نەچچە كۈندىلا تەخمىنەن 20 ئۈستەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، 4000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىپتىمەن.» ما شياۋبىڭ بۇ بىر نەچچە كۈنلۈك تىجارەت خاتىرىسىنى ۋاراقلاپ، خۇشال ھالدا ليۇ جيەنخۇڭغا شۇنداق دېدى.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە دالاۋبا كەنتىدە پۇقراۋى قونالغۇدىن بەشى، قوشنا كەنتتە يەنە يەتتىسى بار بولۇپ، قانداق قىلغاندا يېزا-كەنت پۇقراۋى قونالغۇلىرىنى خاسلىققا ئىگە قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغىلى، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ، دېگەن مەسىلە مەزكۇر ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ئويلىشىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان.

  ليۇ جيەنخۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يىلنىڭ بېشىدا، بىز كەنت <ئىككى كومىتېت> بەنزىسى بىلەن مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى قانداق قىلىپ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى مۇزاكىرە قىلدۇق. ئەڭ ئاخىرىدا تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، پۇقراۋى قونالغۇ ئېچىشتا، تاماق يېيىش، ئۈزۈش، كېچىدە قونۇشتىن ئىبارەت <كونا ئۈچ خىل>نى بۇزۇپ تاشلاپ، ياخشى مۇھىت، ياخشى خاسلىق، ياخشى مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىدىن ئامال تېپىش كېرەك، دەپ قارار چىقاردۇق.»

  ليۇ جيەنخۇڭ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى ئورتاق تىرىشىپ، يېزا-كەنت ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئورنىنى بېكىتىش، بازار تەشۋىقات-سېتىش، ئىقتىسادىي ئۈنۈم قاتارلىق جەھەتلەردە سالماقنى ئاشۇرۇپ، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  بايىنغولىن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى