تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ باغراش كۆلىدىكى سازلىق ئەركەك بېلىقىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى

10- ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ باغراش ناھىيەسىدىكى بېلىقچىلار سازلىقتىن تۇتقان بېلىقنى كۆرسەتمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئالتۇن كۈز 10- ئايدا، شىنجاڭ باغراش كۆلى سازلىقىدىكى بېلىقلاردىن مول ھوسۇل ئېلىندى. ھازىرغىچە، مەھسۇلات مىقدارى 1100 توننىدىن ئاشتى، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 1400 توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. باغراش كۆلى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. سازلىق ئەركەك بېلىقى ئۇدا نەچچە يىل ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئېكىسپورت قىلىنغان. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى)

10- ئاينىڭ 12- كۈنى، شىنجاڭ باغراش ناھىيەسىدىكى بېلىقچىلار بېلىقچىلىق كېمىسىنى بېلىق تۇتۇش رايونىغا قاراپ ھەيدىمەكتە.

10- ئاينىڭ 12- كۈنى، باغراش ناھىيەسىدىكى بېلىقچىلار بېلىق قۇرۇتماقتا.

  10- ئاينىڭ 12– كۈنى، باغراش ناھىيەسىدىكى بېلىقچىلار بېلىقنى سېۋەتكە قاچىلاپ ئېغىرلىقىنى ئۆلچىمەكتە.  

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى