تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ گۇاڭ فوتوسى، خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنىدە، 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو (قومۇل) ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا ھاۋا بوشلۇقىدىن سۈرەتكە تارتىش يىغىلىشىغا قاتنىشىدىغان سۈرەتكە تارتىش ھەۋەسكارلىرى قومۇل شەھىرى ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدىكى توغراقلىق مەنزىرە رايونىغا يېتىپ كەلدى.
يەرلىكتىكى بىرەيلەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا، بۈگۈردىكى توغراق يوپۇرماقلىرىدىن، ئارا تۈرۈكتىكى توغراق دەرىخىنىڭ شەكلىدىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ. ئارا تۈرۈكتىكى توغراقلىق نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمىي توغراق تۈرى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، «تىرىك قاتما» دېگەن مەشھۇر نامى بار. ئۆسۈش مۇھىتى ئۆزگىچە بولغاچقا، بۇ جايدىكى توغراقلارنىڭ شەكلى ھەر خىل ھەيۋەت ۋە رەڭگارەڭ. ئالتۇن كۈز ئايلىرىدا، ئارا تۈرۈك ناھىيەسىدىكى توغراقلار ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلاندى.