تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

تىجارەتچىلەر ئاپتوموبىل ھەيدىمەي ئاپتوموبىل توختىتىش ئورۇنلىرىنى ساياھەتچىلەرگە قالدۇرۇپ قويدى

 شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدا، جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشمەكتە.

     تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز ليۇ يىمىڭ، ۋاڭ چىمىڭ، جاڭ شىنجۈن، يۈ يىچاڭ خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى ئەتراپىدىكى تۆت ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدىكى 350 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ئەتىگەندىلا توشۇپ بولدى. بۇنداق كۆرۈنۈش مەمتىلى قاسىم ئۈچۈن ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.

  «مەنزىرە رايونى ئىچىدىكى تىجارەتچىلەرمۇ ئاپتوموبىل ھەيدىمەي ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى ساياھەتچىلەرگە قالدۇرۇپ قويدۇق.» مەمەتئېلى بىر تەرەپتىن دۇكاندىكى خېرىدارلارنى كۈتكەچ، يەنە بىر تەرەپتىن تېز سۈرئەتتە مۇنداق دېدى: «ھېچقانداق قولايسىزلىق بولمايدۇ، دۆلەت بايرىمىدىن بۇرۇن، مېنىڭ كۈندىلىك تىجارەت سوممام تەخمىنەن 2000-3000 يۈەن بولغان، دۆلەت بايرىمى بولغان بۇ بىر ھەپتىدە ساياھەتچىلەر كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، مېنىڭ كۈندىلىك تىجارەت سومماممۇ 5000-6000 يۈەنگە يەتتى.»

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىنىڭ كۈندىلىك ئوتتۇرىچە ئادەم سانى 168 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، بولۇپمۇ 10-ئاينىڭ 2-كۈنى 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئادەتتىكى كۈننىڭ ئىككى ھەسسىگە يەتتى.

     كۈندۈزى پىيادىلەر كوچىسىدا سەيلە قىلىپ، قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن، ساياھەتچىلەر كەينى-كەينىدىن مەززىلىك تائاملار كوچىسىغا كىرىپ، شىنجاڭنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىدى، جىياۋماجى، بېلىق كاۋىپى، سامسا، داپەنجى قاتارلىقلارنى مەززە قىلدى. مەنزىرە رايونىدىكى زىياپەت تىياتىرخانىسىدا ساياھەتچىلەر «يىپەك يولىدىكى مىڭ يىللىق تەسىرات» ناملىق چوڭ تىپتىكى ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى.

  «بىر مەنزىرە رايونىنى بىر كۈن ئايلىنىپمۇ قانمىدىم، ئۆزەمنىڭ يەنە كۆرۈدىغان، ئايلىنىدىغان، ھېس قىلدىغىنىم باردەك ھېس قىلىمەن، مەن شىنجاڭنى بەك ياخشى كۆرىمەن، بۇ يەردىكىلەرنى ياخشى كۆرىمەن، مەن يەنە ئۆيدىكىلەرنى ئېلىپ ئوينىغىلى كېلىمەن» دېدى چۇڭچىڭدىن كەلگەن ساياھەتچى ۋاڭ شۈەن. ئەتراپتىن قىزىق سىچۇەن شېۋىسى، خۇنەن شېۋىسى قاتارلىقلار تارقالدى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ھەر خىل تەلەپپۇزدا ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭ بىلەن بولغان گۈزەل ئۇچرىشىشىنى بايان قىلدى.

  «شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىپ، شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىشقا ئىنتىلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. مەنزىرە رايونىمىزغا ئېكسكۇرسىيىگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆمەككە قاتنىشىپ كەلگەن، يەنە نۇرغۇن ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەرمۇ بار» دېدى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىدىكى بىر خىزمەتچى خادىم.

  ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئېلان قىلغان مەلۇماتقا قارىغاندا، 2019-يىلى 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 183 مىليون 858 مىڭ 400 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 40.9 ئاشقان؛ ساياھەتچىلىك كىرىمى 304 مىليارد 638 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 40.78 ئاشقان. بۇ ئىككى تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتتا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، 2018 -يىللىق ساياھەتچىلەر كىرىمىدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن قوش ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى