تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

قوشماقلاشقان تۇغقىنىمنى جۇخار گۈلى سەيلە قىلىشقا ئاپاردىم

ئاھالىلەر ۋەكىلى بىر چوڭ گۈل دۆۋىسى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن پېڭ خەۋىرى، فوتوسى) ئالتۇن كۈز 10- ئايدا، ھەر خىل رەڭ، ھەر خىل تۈردىكى نەچچە ئون مىڭ تۈپ جۇخار گۈلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىدا بەس- بەستە ئېچىلىپ، توپ- توپ ھەرە، كېپىنەكلىرىنى جەلپ قىلدى... 10- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سايباغ رايونى لۇيۈەن كوچىسى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى چاڭجېڭ يېڭى كەنتى مەھەللىسى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىشلىرى ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى)نىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە چاڭجېڭ يېڭى كەنتى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىرلىشىپ، سانجى شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىغا كېلىپ، «ئالتۇن كۈزدە جۇخار گۈلىدىن ھۇزۇرلىنىش، جەم بولۇپ سۆھبەتلىشىش» تېمىسىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى، مەھەللىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، مەھەللە كادىرلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللىدىكى ئاھالىلەر ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 60 كە يېقىن كىشى بۇ يەرگە جەم بولۇپ، پاراڭلىشىپ، جۇخار گۈلىدىن ھۇزۇرلىنىپ سەيلە قىلدى.

پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى جۇخار گۈللۈكىدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

مەھەللىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، مەھەللە كادىرلىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللىدىكى ئاھالە ۋەكىللىرى چوڭ گۈل دۆۋىسى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

ئاھالىلەر ۋەكىلى، مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى سانجىدىكى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسىدا «ئالتۇن كۈزدە جۇخار گۈلىدىن ھۇزۇرلىنىش، جەم بولۇپ سۆھبەتلىشىش» تېمىسىدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇردى.

جۇخار گۈللۈكىدە مەھەللە خىزمەتچى خادىمى خىزمەتدىشى ۋە قوشماقلاشقان تۇغقىنىنى سۈرەتكە تارتىپ قويماقتا.

ئاھالىلەر ۋەكىلى رەڭدار جۇخار گۈللىكىدە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

مەھەللە خىزمەتچى خادىمى ۋە ئاھالىلەر ۋەكىلى جۇخار گۈللىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا.

ئاھالىلەر ۋەكىلى جۇخار گۈلىنى سەيلە قىلىش رايونىدا بالىلىرى بىلەن بىرگە سەيلە قىلماقتا.

مەھەللە خىزمەتچى خادىمى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىرگە بىر چوڭ گۈل دۆۋىسى ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

بىر قانچە ئاھالە ۋەكىللىرى ئىككى تەرىپىدە جۇخار گۈلى ئېچىلغان چىغىر يولدا ماڭماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : رۇشەنگۈل

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى