10- ئاينىڭ 10- كۈنى، سانجى شەھەرلىك شەھەر قىياپىتى، مۇھىت تازىلىقىنى باشقۇرۇش مەركىزى تازىلاش ئاپتوموبىلى ئەترىتىنىڭ خىزمەتچى خادىمى يېڭى تىپتىكى تازىلىق ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ يولنى تازىلاشقا تەييارلانماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا سانجى شەھەرلىك مۇھىت تازىلىقى مەركىزى كىچىك تىپتىكى تازىلاش ئاپتوموبىلىدىن 22 نى سېتىۋالغان، بۇ ئاپتوموبىللاردا سۇ پۈركۈپ سۈپۈرۈش، تازىلاش، ئەخلەت سۈمۈرۈش ۋە ئەخلەت توشۇش قاتارلىق ئىقتىدارلار بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، پىيادىلەر يولىغا ھەيدەپ كىرىش، بۇلۇڭ- پۇچقاقلارنى تازىلاشقا قولايلىق ئىكەن، بۇنىڭ بىلەن تازىلاش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۈنۈملۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوبلاستنىڭ مۇھىت تازىلىقىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدىكەن. (سانجى گېزىتى مۇخبىرى خې لوڭ فوتوسى)
سانجى گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى