تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

مۇسكۇل چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئىككى ھەسسە چۈشۈرگىلى بولىدۇ

  ئادەم ئوتتۇرا ياش مەزگىلگە قەدەم قويغاندا، بەدەندىكى مۇسكۇل ئازىيىپ، سۈپەت تۆۋەنلەپ، ياش چوڭايغانسېرى مۇسكۇلنىڭ كۈچى بارغانسېرى ئاجىزلايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، يۈرەك، ئۆپكە چىدامچانلىقىنى ئاشۇرۇشتىن باشقا، مۇسكۇل كۈچى مەشىقىنى كۈچەيتىشمۇ ناھايىتى مۇھىم، ئۇ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ مۇھىم ئامىلى. يېقىندا، ئامېرىكا نېبراسكا داشۆسىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مۇسكۇل چېنىقىشىنى كۈچەيتىشنىڭ راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بار بولۇپ، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئىككى ھەسسە تۆۋەنلىتىدىكەن.

  مۇسكۇل مەشىقى بىلەن راك كېسىلىدىن قازا قىلىش نىسبىتى ئارىسىدىكى نىسبەتنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، تەتقىقاتچىلار 310 مىڭ نەپەر ئامېرىكا ئاھالىسىنى ئوبيېكىت قىلىپ، سەككىز يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئامېرىكا سەھىيە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بۆلۈمىنىڭ تەۋسيەسىگە ئاساسلانغاندا، مۇسكۇلنى كۈچەيتىش مەشىق تۈرى (65 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنى ئوبيېكىت قىلغان): 1) ئىشتانكا، گانتېل مەشىقى؛ 2) قارشىلىق كۈچ بەلبېغى مەشىقى؛ 3) ئۆز بەدەن ئېغىرلىقى مەشىقى (يەر بېغىرلاش، زوڭزىيىش، تىك ئېسىلىش قاتارلىقلار)؛ 4) پەلەمپەيدىن چىقىپ- چۈشۈش؛ 5) ئېغىر نەرسىلەرنى يۆتكەش؛ 6) ھويلا ئەمگىكىگە قاتنىشىش؛ 7) يۇگا ۋە تەيجى گۇمپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەۋسيە قىلىنغان چېنىقىش قېتىم سانى ۋە ئۆلچەملىك بولۇش نىسبىتى تەلەپكە لايىق قاتناشقۇچىلار بىلەن ئۆلچەمگە توشمىغانلارنى سېلىشتۇرغاندا، راك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم خەۋپى %19 تۆۋەنلىگەن. شۇنداقلا، مۇسكۇلنى كۈچەيتىش قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا، راك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆلۈم خەۋپى شۇنچە تۆۋەن بولىدىكەن.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى