تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ئەينەك سۈرتۈشتىكى بىر قانچە ئۇسۇل

   1.ئەينەكتىكى چاڭ-توزان لېيىنى چاش يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن سۈرتۈش. شامال ۋە يامغۇردا قالغان دېرىزە ئەينىكىنىڭ چاڭ-توزان لايلىرى بىر قەدەر قېلىن بولغاندا، داسقا سۇ قويۇپ، ئىچىگە بىر قانچە قوشۇق ئادەتتە ئىشلىتىدىغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى قويۇپ، لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ دېرىزىنى سۈرتۈپ، ئاندىن پاكىز سۇ بىلەن يەنە بىر قېتىم سۈرتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا قۇرۇق لۆڭگە بىلەن ئېيتقاندا، دېرىزە ناھايىتى پاكىز بولۇپ كېتىدۇ.

  2.ئەينەكتىكى جاھىل ماي دېغىنى ئاق ئاچچىقسۇ ياكى ئاق ھاراق بىلەن سۈرتۈش. ئەگەر ئەينەكتە ماي تۈرىدىكى جاھىل ماي دېغى بار بولسا، ئاق ئاچچىقسۇ بىلەن سۇنى 1:2 نىسبەتتە تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، سۇ سەپكۈچكە قويۇپ ئەينەككە چېچىپ، ئاندىن لاتىدا سۈرتسە بولىدۇ؛ ئەگەر ئاق ھاراقنى ئىشلىتىش توغرا كەلسە، لاتىنى ئاق ھاراق ئارىلاشتۇرۇلغان سۇغا چىلاپ ئەينەك ئېيتىپ، ئاندىن قۇرۇق لاتىدا ئېيتسىلا بولىدۇ.

  3.رامكىلىق ئەينەكلەرنى پىۋا بىلەن سۈرتۈش. كۆزەينەك رامكىسى، سۈرەت رامكىسى ياكى ئەينەك مەينەت بولۇپ كەتكەندە، لۆڭگىنى پىۋادا ھۆل قىلىپ سۈرتكەندە، پىۋادىكى ئىسپىرىت  تەركىبلىرى كىرلارنى تازىلاپ، ئەينەكنى پاكىز ھەم پارقىراق قىلىدۇ، يەنە تېخى لۆڭگىنىڭ تالالىرى ئەينەككە چاپلىشىپ قالمايدۇ.

  4.ئېگىز بوشلۇقتىكى ئەينەكلەرنى، سوزۇلۇپ-قىسقىرايدىغان ئەينەك ئېيتىش ئەسۋابى بىلەن تازىلاش. ئېگىز قەۋەتنىڭ ئەينەكلىرىنى ھەرگىز تەۋەككۈل قىلىپ سۈرتمەسلىك كېرەك، پەقەت ئۇزىراپ-قىسقىرايدىغان ئەينەك ئېيتىش ئەسۋابى بولسىلا كۇپايە.

  5.كىچىك ئەينەكلەرنى بۇغا تېرىسى بىلەن سۈرتۈش. كىچىك دائىرىدىكى ئەينەك، پەرداز قىلىش ئەينىكى، كۆزئەينەك قاتارلىقلار ئەينەكلەرنىڭ ئالدى بىلەن يۈزىدىكى چاڭ-توزانلارنى پۈۋلىۋېتىپ، ئاندىن بۇغا تېرىسى بىلەن يېنىك سۈرتسىلا، ئەينەك دەرھال پارقىرايدۇ.

                                                     خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى