تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

شوخلا تۆمۈرگە يولۇققاندا، ئوزۇقلۇق قىممىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ

  شوخلا تەركىبىدە يۈرەكنى قوغداش ۋە راك كېسىلىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق كۆپ خىل بىرىكمىلەر بار. ھالبۇكى، ئامېرىكىنىڭ «مولېكۇلىلىق ئوزۇقلۇق ۋە يېمەكلىك تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، تەركىبىدە تۆمۈر بار بولغان يېمەكلىكلەر شوخلا قىزىل ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈش نىسبىتىنىڭ يېرىمىنى ئازايتىپ، شوخلىنىڭ راكقا قارشى ساقلىقنى ساقلاش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىدىكەن.

  ئامېرىكا ئوخايو ئىشتاتى داشۆسى ئىنسانلار ئوزۇقلۇق ئىلمى ياردەمچى پروفېسسورى دوكتۇر رېچىل كوپېك ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى يەتتە نەپەر سىناققا قاتناشقۇچى ئەر ئۈستىدە شوخلا قىزىل پىگمېنتى مېتابولىزمىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە قوبۇل قىلىش تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان. سىناققا قاتناشقۇچىلار ئىختىيارىي ھالدا ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، شوخلا ئايرىمىسى تەركىبلىك ئىچىملىكنى ئىستېمال قىلغان، لېكىن بىر گۇرۇپپا تۆمۈر تولۇقلاش دورىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، يەنە بىر گۇرۇپپا تۆمۈر تولۇقلاش دورىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. كېيىن، تەتقىقاتچىلار سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ قېنى ۋە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ ئانالىز قىلغان. نەتىجىدە تۆمۈر تولۇقلىغان گۇرۇپپىدىكى سىناققا قاتناشقۇچىلارنىڭ شوخلا قىزىل پىگمېنتىنىڭ قوبۇل قىلىش مىقدارىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تۆۋەنلىگەنلىكى بايقالغان. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، شوخلا ۋە ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يېيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەركىبىدە تۆمۈر بار بولغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش ياكى تۆمۈر تولۇقلىغۇچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىش شوخلا قىزىل پىگمېنتىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى يېرىم ھەسسە ئازايتىدىكەن.

  ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، شوخلا قىزىل پىگمېنتىنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، بەدەننى ئوكسىگېن ئەركىن رادىكالىنىڭ زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلاپ، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىقىنى قوغداش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ. پىروفېسسور كوپېك تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى تەتقىقات نەتىجىسى كىشىلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۆمۈرنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرىلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بىر خىل مۇمكىن بولغان چۈشەندۈرۈش شۇكى، تۆمۈر شوخلا قىزىل پىگمېنتىنى ئوكسىدلاپ، A P O-شوخلا قىزىل پىگمېنتى سىرتىدىكى مېتابولىزم ھاسىلاتىنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا ، شوخلا ياكى شوخلا قىيامى قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، ئەڭ ياخشىسى ۋاقتىنچە تەركىبىدە تۆمۈر بار يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك ياكى تۆمۈر تولۇقلىغۇچى دورىلارنى ئىچمەسلىك كېرەك.

خەلق تورىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى