تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

كېلەر ھەپتە ئۈرۈمچى تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش جەريانىنى كۈتۈۋالىدۇ

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لياڭ لې خەۋىرى): سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى (10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە) ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا كۈز يامغۇرىنىڭ يېغىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس، تېمپېراتۇرا سەل تۆۋەنلەيدۇ، پەقەت نەنسەن تاغلىق رايونىنىڭ قىسمەن جايلىرىدىلا ئازراق يامغۇر ياكى يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، (10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە)، ئۈرۈمچىدە بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش جەريانى بولىدىكەن، شەھەر رايونىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃2 ئەتراپىغا چۈشىدىكەن.

  ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 10-ئاينىڭ باشلىرىدا، ئۈرۈمچىدە ساپ كۈز ھاۋاسى كۆرۈلۈپ ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولدى. كۈز ئاپتىپىدا ھەممە جاي ئىللىپ، شۇ ئون كۈندىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىمۇ ئاۋۋالقى يىللاردىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا بىر قەدەر يۇقىرى بولدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ھاۋا رايىدىن ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەڭشىلىشىگە ئەگىشىپ، 10-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن باشلاپ ھەپتە ئاخىرىغىچە ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا يامغۇر يېغىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەسكەن، ھەپتە ئاخىرىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەنلەيدىكەن. نەنسەن تاغلىق رايونىدا، ھەپتە ئاخىرىدا قىسمەن جايلاردا ئازراق يامغۇر ياكى قار ئارىلاش يامغۇر ياغىدىكەن.

  جۇڭگو ھاۋا رايى تورىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، كېلەر چارشەنبە (10-ئاينىڭ 16-كۈنى)نىڭ ئالدى-كەينىدە، ئۈرۈمچىدە يامغۇر يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، ھەپتە ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃2 ئەتراپىغا چۈشىدىكەن.

  پۈتۈن شىنجاڭ مىقىياسىدىن قارىغاندا، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە كەڭ كۆلەملىك ھۆل-يېغىنلىق ھاۋا رايى ۋە تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلەش جەريانى كۆرۈلمەيدىكەن، كۆپ قىسىم رايونلاردا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولۇپ، تاغلىق رايون بەلباغلىرىدا يامغۇر ۋە قار ياغىدىغان ھاۋا رايى كۆپ كۆرۈلىدىكەن. 10-ئاينىڭ 12-كۈنى كېچىدىن 10-ئاينىڭ 13-كۈنى كۈندۈزگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا شەرقىي قىسمىدا 5~4 بال قىيپاش شەرق شامىلى چىقىپ، قىسمەن رايونلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى