تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كۇچا ناھىيەسى: گۈللەر ئېچىلىپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشغا تۈرتكە بولدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى: ئالتۇن كۈز 10- ئايدا، كۇچا ناھىيەسىنىڭ چوڭ- كىچىك كوچىلىرىدا ماڭغىنىڭىزدا، يول بويىغا ھەرخىل رەڭدىكى پەسىللىك گۈل- گىياھلارنىڭ تىزىلىپ، شەھەرنىڭ گۈزەللەشتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرىسىز.

  يېقىندا، مۇخبىر كۇچا ناھىيەسى باغۋەنچىلىك مەيدانىدىكى خېشىن گۈل- گىياھلار بازىسىغا كەلدى، بۇ جايدىكى ئالدىراش مەنزىرە، تېرىلغان 300 خىلدىن ئارتۇق گۈل- گىياھ، يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلارلىق دەرىجىدە گۈزەل بولۇپ، رەڭگارەڭ گۈللەر كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى.

  ئىگىلىنىشچە، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىلا، خېشىن گۈل- گىياھلار بازىسىدىكى 5000 تۈپتىن ئارتۇق ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان تەشتەكلىك گۈل كۇچانىڭ ئەتراپىدىكى ناھىيە، شەھەرلەرنى بېزەش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن.

  2017- يىلى، كۇچا ناھىيەلىك باغۋەنچىلىك مەيدانى مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن كۇچا ناھىيەلىك شەھەرنى باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئۇزۇن بازىرى باغۋەنچىلىك مەيدانى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ھەر تەرەپتىن كەسىپ ئەھلىلىرىنى، تېرىقچىلىق تەجرىبىسى بار ئىختىساسلىقلارنى مەبلەغ سېلىپ، باشقۇرۇشقا تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق، سەنجياۋمېينى ئاساس قىلغان يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرغان، ھازىر جەمئىي 300 خىلدىن ئارتۇق سورتنى يېتىشتۈرۈپ، 15 كەنت ئاھالىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 45 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرغان، ھەمدە كۇچا ئەتراپىدىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى 40 تىن ئارتۇق گۈل- گىياھ تىجارەتچىلىرىنىڭ توپ سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن.

  خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى شۆ يۈنپىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ھازىر خېشىن گۈل- گىياھ بازىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ سەنجياۋمېي يېتىشتۈرۈش بازىسى بولۇپ قالدى، بۇلتۇر ئىمپورت قىلغان تەشتەكتە ئۆستۈرۈلگەن ئەنجۈر، ئانار، ئۈزۈم مېۋە بەردى، كېيىنكى قەدەمدە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بازىنى كېڭەيتىپ، بۇ يەرنى تېزدىن يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش، ئۈزۈش قاتارلىق ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش بىر گەۋدە قىلىنغان گۈل- گىياھ بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە قىلىمىز.»

  (ماقالىنى كۇچا ناھىيەلىك باغۋەنچىلىك مەيدانى مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى ۋە كۇچا ناھىيەلىك شەھەرنى باشقۇرۇش ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ ئۇزۇن بازىرى باغۋەنچىلىك مەيدانى مەھەللىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن جاڭ شياۋلى، ۋاڭ خېڭ تەمىنلىگەن)

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى