تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

قاچا يۇيۇش ماشىنىسىدا قاچىلارنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ۋاقتىدا ئېلىۋېتىش كېرەك

  قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كىشىلەر قاچا-قۇچىلارنى قۇرۇتماي تۇرۇپلا، دەستىلەپ ئىشكاپقا سېلىۋېتىدۇ. يېقىندا، جۇڭگو ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تەتقىقات يۇرتى تەجرىبە ئارقىلىق، بۇ خىل ئادەتنىڭ ئىككىنچى قېتىم بۇلغىنىش خەۋپى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى بايقىغان.

  بۇ تەجرىبە ئىككى گۇرۇپپا تەسىس قىلىنىپ سېلىشتۇرۇلغان: بىرىنچى گۇرۇپپا قاچا - قۇچىلارنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، بىۋاسىتە قاچا-قۇچا ئىشكاپىغا سالغان؛ يەنە بىر گۇرۇپپا قاچا - قۇچىلارنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، نەرسە-كېرەك جازىسىغا تىك تىزىلىپ، شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا قويۇلغان. ئۈچ كۈندىن كېيىن، تىك قويۇپ قويۇلغان قاچا-قۇچىدىكى باكتېرىيە سانىنىڭ دەرىجىسى يۈرۈش cfu) 8000cfu بىرلىك ھەجىمدىكى باكتېرىيە تۈركۈمىنىڭ ئومۇمىي سانىنى كۆرسىتىدۇ) بولغان، دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن؛ دەستىلەپ قويۇلغان قاچا-قۇچىدا باكتېرىيەلەرنىڭ سانى يۈرۈش 560000cfu بولۇپ، قۇرۇتۇلغان قاچا-قۇچىنىڭ 70 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.

 بىر قىسىم قاچا يۇيۇش ماشىنىسىنىڭ دېزىنفېكسىيەلەش ئىقتىدارى بار بولۇپ، مەلۇم دەرىجىدە قاچا-قۇچىلاردىكى باكتېرىيەلەرنى ئازايتقىلى بولىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، نۇرغۇن ئائىلىلەر قاچا يۇيۇش ماشىنىسىنى ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى يۇيۇش ماشىنىسىنىڭ ئىچىگە قويۇپ قويىدۇ. جۇڭگو ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تەتقىقات مەركىزى تەجرىبە جەريانىدا، قاچا يۇيۇش ماشىنىسىدىن ۋاقتىدا ئالغان ھەمدە ئۈچ كۈن، يەتتە كۈن ساقلىغان قاچا-قۇچىلار ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، پەقەت ۋاقتىدا ئېلىنغان قاچا-قۇچىلاردا باكتېرىيە سانى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تازىلىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇپ، كېيىنكى ئىككىسىنىڭ باكتېرىيە مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆلچەمدىن 100 ھەسسە ۋە مىڭ ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. چۈنكى، قاچا يۇيۇش ماشىنىسىنىڭ ئىچى نىسبەتەن ھىم ھەم نەم بولۇپ، باكتېرىيەلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدىكەن، ئەگەر قاچا-قۇچىلار ئىچىدە ئۇزاق مۇددەت قويۇپ قويۇلسا، ئىككىلەمچى بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

  قاچا-قۇچىلارنى پاكىز تازىلاشنىڭ ئۇسۇلى بولسا، يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، سۇدا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىپ، ئاندىن تەشمە نەقىشلىك جازىدا قۇرۇتۇش؛ قاچا-قۇچىلاردا سۇ تامچىسى بولمىغان ئەھۋالدا، ئاندىن ئىشكاپقا سېلىپ قويۇش كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشاش، باشقا نەرسىلەر، مەسىلەن، قازان-چۆمۈچ، چۇكا، دۆشە قاتارلىقلارنىمۇ جازىغا قويۇش كېرەك. يەنە بەزىلەر قاچا-قۇچىلارنى دەسمال بىلەن سۈرتۈپ قۇرۇتۇشقا ئادەتلەنگەن، شاڭخەي شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى 2017 - يىلى بىر تۈرلۈك ئائىلە تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، ھەر گىرام داستىخاندىكى باكتېرىيەنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ نەچچە يۈز مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بايقىغان، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى، سالمونېللا باكتېرىيەسى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا، ئامال بار دەسمال بىلەن سۈرتمەسلىك كېرەك. ئەگەر سۈرتكەندە، دەسمالنى ئاۋۋال قايناق سۇدا قاينىتىپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا دېزىنفېكسىيە قىلغاندىن كېيىن ئىشلىتىش كېرەك. ( مۇخبىر لى شۇاڭ )

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى