تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

بۈگۈن ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃18 بولىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ مېڭفەن، جاڭ ۋەندې، پراكتىكانت لو بېيبېي خەۋىرى، فوتوسى) خەيرلىك سەھەر دوستلار! بۈگۈن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىن باشقا، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سىم- سىم يامغۇر ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (تاغلىق رايونلاردا يامغۇر ئارىلاش قار ياكى قار ياغىدىكەن)، شىنجاڭنىڭ باشقا رايونلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بەزىدە بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بەزىدە ئوچۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃18، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃12، 3 بال شامال چىقىدىكەن. ئەتە (10- ئاينىڭ 13- كۈنى) تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەنلەيدىكەن، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃15قا تۆۋەنلەيدىكەن، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كۈزلۈك ساياھەت قىلىپ تاغقا چىقماقچى بولغان دوستلار ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

  گەرچە قىش تېخى كىرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىسمەن رايونلىرى قار ئارىلاش يامغۇرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. بۈگۈن G312 لىنىيەسىنىڭ قورغاستىن لۇساۋگۇغىچە بولغان بۆلىكى، G314 لىنىيەسىنىڭ توقسۇدىن بۈگۈرگىچە بولغان بۆلىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن، شوپۇرلار بۇ يول بۆلەكلىرىدە ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئېھتىيات قىلىڭلار.

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى