تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئالىمجاننىڭ كىچىك تاللا بازىرى بەختكە يول ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جېڭ جو، سۈي يۈنيەن

8- ئاينىڭ 26- كۈنى چۈش ۋاقتى، شامال چىقىپ تۇراتتى، ئىسسىق ھاۋا يۈزگە ئۇرۇلاتتى. كېرىيە ناھىيەسىنىڭ تاختا كۆۋرۈك سودا كوچىسىدا 33 ياشلىق ئالىمجان دەسمالنى ئېلىپ، دۇكان ئالدىدىكى توڭلىتىش ساندۇقىنى قايتا - قايتا سۈرتۈۋاتاتتى. «دۇكان يولغا يېقىن، توڭلىتىش ساندۇقىغا ئاسانلا چاڭ - توزان قونۇپ قالىدۇ، بۇ بىرقانچە كۈندە سوغۇق ئىچىملىك ئالغىلى كېلىدىغانلار كۆپ بولىدۇ، شۇڭا توڭلىتىش ساندۇقىنى پاكىز تۇتۇش كېرەك» دېدى ئالىمجان تولۇپ تاشقان غەيرەت بىلەن.

تاختا كۆۋرۈك سودا كوچىسى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كونا شەھەر رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئالىمجان مۇشۇ يەردە تۇغۇلغان، ئۇ كىچىكىدىن مۇشۇ يەردە چوڭ بولغان، مۇشۇ يەردە ئۆي - ئوچاقلىق بولغان، تاختا كۆۋرۈكمۇ ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ.

دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچراپ، ھېچقانداق ئىشقا قىزىقماس بولۇپ قالغان ئادەمدىن ئۆزگىرىپ ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئۆگەنگەن، خوتۇنىغا تاماق ئېتىپ بېرىدىغان تاللا بازىرى خوجايىنى ۋە ياخشى ئەر بولۇشقىچە، ئالىمجان ئىشچان بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۈمىدكە تولغان ئەتىسىنى ياراتتى.

 سودىنىڭ ياخشىلىقىدىن يېتىشەلمەي قېلىش

«ئالىمجان، مەن ئۈچ بوتۇلكا مىنېرال سۇ، ئىككى بوتۇلكا كولا ئالىمەن، ھېسابلاپ بېقىڭ، قانچە پۇل بولىدۇ؟» «ئالىمجان، بۇ ئىككىلىك كود سىزنىڭمۇ؟ مەن كودنى سىكاننېرلاپ پۇل تاپشۇردۇم ھە.» «ئالىمجان، بۇ دۇكاندا يۈز چاپلاق بارمۇ؟ مەن ئالاي دېگەن» چۈش ئەمدىلا ئۆتۈشىگە، دۇكان ئىچى ئالدىراشچىلىققا تولۇپ كەتتى، خېرىدارلار پات - پاتلا پۇل ئېلىش پوكىيىگە كېلىپ ھېسابات قىلاتتى.

ئالدىراشچىلىقتا يېتىشەلمەي قالغاندا، ئۇ ئوغلىنى پۇل ئېلىشقا ياردەملەشتۈردى. «دۇكاندىكى ماللارنىڭ قانچە پۇلغا سېتىلىدىغانلىقىنىڭ ھەممىسىنى ئۇ بىلىدۇ.» ئالىمجان مۇنداق دېدى: ئوغلۇمنىڭ پۇتۇڭخۇاسى مېنىڭكىدىن ياخشى، يازلىق تەتىلدىكى بوش ۋاقىتلىرىدا بالام كېلىپ ياردەملىشىدۇ.

ئالىمجاننىڭ تاللا بازىرىدا تۈرلۈك قوشۇمچە يېمەكلىكلەر، كۈندىلىك بۇيۇملاردىن باشقا يەنە يۈز چاپلىقى، جەۋھەر مېيى، يۈز مەلھىمى قاتارلىق گىرىم بۇيۇملىرىمۇ بار. ئەگەر ئالىمجاندىن ئۆزىنىڭ دۇكىنىدا قانچە خىل مال بارلىقىنى سورىسىڭىز، ئۇ «تۈرى بەك كۆپ، يېڭى ماللار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتىدۇ» دەپ ئۆزىمۇ ئېنىق بىر نېمە دېيەلمەيدۇ.

«دۇكاندىكى ماللار ئۈرۈمچىدىن كىرگۈزۈلگەن، ھەممىسىنى خوتۇنۇم تاللىغان.» ئالىمجان مۇنداق دېدى: ھازىر دۇكانغا مال كىرگۈزۈشنىڭ ھەممىسىگە خوتۇنۇم ھەبىبە مەتسىدىق مەسئۇل. ئالىمجان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر خوتۇنۇم ئۆيىمىزدە يېرىم دۇنيا، ئۆينىڭ ئىشى بولسۇن ياكى سىرتنىڭ ئىشى بولسۇن ئۇ ھەممە ئىشنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلالايدۇ.

ھەبىبە كۆڭۈلدىكىدەك ماللارنى كۆرگەندە، ئالىمجانغا سۈرەتكە ياكى سىنغا تارتىپ يوللاپ بېرىدۇ. «بۇلار ئۇ ئۈرۈمچى توپ تارقىتىش بازىرىدا كۆرگەن بىر نەچچە خىل پاسوندىكى پايپاقلار، ئۇزاق ئۆتمەيلا ھاۋا سوۋۇپ كېتىدۇ، يەنە كۈزلۈك ۋە قىشلىق كىيىم - كېچەكلەرنى كىرگۈزۈش كېرەك.» ئالىمجان بىر تەرەپتىن مۇخبىرلارغا يان تېلېفونىدىكى سۈرەتلەرنى كۆرسەتكەچ: ھەر كۈنى تاللا بازىرىنىڭ تىجارەت سوممىسى 1000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ، ھېيت - بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىدە 3000 يۈەنگە يېقىنلىشىدۇ، دېدى. ھازىر ئۇنىڭ كەيپىياتى خۇددى دۇكاندىكى چوڭ ئەينەككە ئوخشاش يورۇق، سۈزۈك ئىدى.

 ئىلگىرىكى كۈنلىرىم تولىمۇ خىرە

«ھازىر ئىلگىرىكى كۈنلىرىمنى ئەسلىسەم ئەقلىمگە سىغمايدۇ، ئۇ چاغلار خۇددى قەلبىمنى چاڭ - توزان قاپلىۋالغاندەك تولىمۇ خىرە ئىدى» دېدى ئالىمجان قولىنى ئۇۋۇلاپ تۇرۇپ.

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئالىمجان مەكتەپتە ئوقۇمىدى، ئاستا - ئاستا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملىنىپ، پۈتۈنلەي باشقىچە ئادەم بولۇپ قالدى.

ئىلگىرى ئالىمجان ناخشا ئېيتاتتى، ئۇسسۇل ئوينايتتى، كېيىن ئۇ مۇزىكا «ئالۋاستىنىڭ ئاۋازى» دېگەننى ئاڭلاپ، ئۇسسۇل ئوينىمايدىغان، ناخشا ئېيتمايدىغان بولۇپ قالدى، ھەر قېتىم دوستلىرى ئۇنى يىغىلىشقا چاقىرغاندا، ئۇ دەرھال رەت قىلاتتى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۇ دوستلىرى بىلەن يىراقلىشىپ كەتتى.

ئالىمجان ئىلگىرى كېرىيە ناھىيەسىدە ئۆي - زېمىن ۋاسىتىچىلىكى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانىدى، ئەمما ئۇ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى بىلمىگەچكە، ھەر خىل ئۆي سودىسى ماتېرىياللىرىنى تولدۇرىدىغاندا قىينىلىپ قالاتتى، شۇڭا بەزى ئادەتتىكى خىزمەتلەرنىلا قىلاتتى.

«مەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ، خوتۇنۇمنى نىقابلىق كىيىم كىيىندۈرۈپ، يۈزىنى ئوراتقۇزۇپ، باشقىلار بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەنىدىم.» ئالىمجان مۇنداق دېدى: خوتۇنۇم قوشۇلمىسا، ئۇنىڭ بىلەن جېدەللىشەتتىم، جېدەللەشكەندە قول تەگكۈزگىلى تاس قالاتتىم.

ئېرىنىڭ بارا - بارا پاتقاققا پېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ھەبىبە تىت - تىت بولدى. ئەڭ ئاخىر ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ نەسىھەتى بىلەن ئالىمجان كېرىيە ناھىيەلىك كەسپىي ماھارەت تەلىم - تەربىيە مەركىزىدە ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۇ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى، قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ئىلگىرىكى ئويلىرىنىڭ خاتالىقىنى، نادانلىق ئىكەنلىكىنى تەدرىجىي چۈشەندى.

«ئۆگىنىش ئارقىلىق، مەن يەنە ھازىر ئالاقە تورى دەۋرىگە كىرگەنلىكىمىزنى بىلدىم، شۇڭا ئېلېكتىرونلۇق سودا بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا تىزىملاتتىم.» ئالىمجان ئېلېكتىرونلۇق سودىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن جەزمەن كومپيۇتېرغا پىششىق بولۇش كېرەكلىكىنى، شۇڭلاشقا دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى ۋە تۈرلۈك كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى مەشغۇلاتىنى تىرىشىپ ئۆگەنگەنلىكىنى دېدى. مەسىلەن، سۈرەت تەھرىرلەش، تور بېتى تەھرىرلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ئالىمجان زور كۈچ سەرپ قىلغانىدى. «مەن شۇ چاغدىلا كېيىن بىر تور دۇكىنى ئېچىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر بىلەن تىجارەت قىلىشنى، دوستلىشىشنى قارار قىلغانىدىم» دېدى ئالىمجان.

 بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ خۇشاللىقى

ئالىمجان تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆگىنىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ھەبىبە ئۆيى ئەتراپىدا تاللا بازىرى ئاچتى. ئالىمجان ئۆگىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، قانداق قىلىپ تاللا بازىرىنى ياخشى ئېچىش توغرىسىدا باش قاتۇرۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندى.

«نەرسىلەر بەك ئاز بولۇپ، تاللا بازىرىغا ئەسلا ئوخشىمايتتى، پەقەتلا بىر كىچىك دۇكان ئىدى. سودا كوچىسىغا جايلاشقان تاللا بازىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مال تۈرى ئاساسلىق كۈندىلىك بۇيۇملار بىلەنلا چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ، تۈرى چوقۇم كۆپ بولۇشى كېرەك.» شۇنىڭ بىلەن، ئۇ خوتۇنىغا مەسلىھەت سېلىپ، تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، مال تۈرىنى كۆپەيتتى.

ئوخشاش چايدان بولسىمۇ ئىسسىق ساقلاش ئىقتىدارى ياخشى، سىرتقى كۆرۈنۈشى مودا بولغانلىرى قارشى ئېلىنىدۇ؛ ئوخشاش لۆڭگە بولسىمۇ يۇمشاق، راھەت، پاسونلىرى كۆپ بولغان تۈرلەر ياخشى سېتىلىدۇ. ئالىمجان دۇكاندا ئولتۇرۇپ، سودىسى توغرىسىدا ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي سۆزلىدى.

ئېرىدىكى ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنغاندا، ھەبىبە ناھايىتى مەمنۇن بولىدۇ. «ھازىر ئۆي ئىشلىرىنى بىللە قىلىمىز، خىزمىتىم ئالدىراش بولۇپ كەتسە، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماڭا تاماق ئېتىپ بېرىدۇ. مەن مال كىرگۈزگىلى كەتكەندە، دۇكاندىكى، ئۆيدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ بىر تەرەپ قىلىدۇ.» ھەبىبە مۇنداق دېدى: ئېرىم پۈتۈنلەي ئوچۇق - يورۇق بولۇپ كەتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى خۇشاللىققا چۆمدۇق.

ئالىمجان مۇخبىرلارغا يېقىندا تور دۇكىنى كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولسا، تېزلا تىجارەت باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. «كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ھەر خىل دورىلىق چاي، گۈلقەنت، ھەسەل، قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى... قاتارلىق نۇرغۇن خاس مەھسۇلاتلىرى بار، تورغا چىقىرىلسا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خېرىدارلار كۆرۈپ، مېنىڭ ماللىرىمنى سېتىۋالىدۇ.» ئالىمجان تورغا چىقارغان مەھسۇلاتنىڭ سۈپەتسىز بولسا بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئەتراپتىكى خاس مەھسۇلات شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلەشكەنلىكىنى، مەخسۇس شۇ يەردىن مال كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تور دۇكىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئالىمجان ماللارنى بىر - بىرلەپ سۈرەتكە تارتىپ، ئاندىن كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق سۈرەتلەرنى ئوڭشايدىكەن. «مەن تەربىيەلەش مەركىزىدە ئۆگەنگەن ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلىملىرىنىڭ ھەممىسى ئەسقاتتى» دېدى ئۇ.

بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ئالىمجان ئىلگىرىكى دوستلىرى بىلەن يىغىلىش ئۆتكۈزىدىكەن، ئۇلار بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدىكەن. ئالىمجان مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى دوستلۇقىمىزنى قايتۇرۇپ كېلىمەن، ئىسراپ قىلىۋەتكەن كۈنلىرىمنىمۇ قايتۇرۇپ كېلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى