تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

CBA بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى: شىنجاڭ كوماندىسى جېجياڭ كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ دۇەنپۇ): 10- ئاينىڭ 10- كۈنى، CBA بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى جياڭشى شاڭراۋ مۇسابىقە رايونىدا ئىككىنچى مۇسابىقە كۈنىدىكى تۇتۇشۇشقا قەدەم قويدى. ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن جېجياڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە، شىنجاڭ كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپلا ئارقىدا قالدى. نەتىجىدە، ئۇلار 97:91 نەتىجىدە جېجياڭ كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالدى.

2018/2019- يىللىق مۇسابىقە پەسىلىدىن بۇيان، CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى دائىمىي مۇسابىقىدە گۇرۇپپىغا ئايرىش تۈزۈمىنى قوللانغان بولۇپ، ئوخشاش گۇرۇپپىدىكى بەش كوماندا دائىمىي مۇسابىقىدە ئۆز مەيدانى ۋە قارشى تەرەپ مەيدانىدىن ئىبارەت ئىككى ئايلانما بويىچە مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

10- ئاينىڭ 10- كۈنى كەچتە، جېجياڭ كوماندىسى مۇسابىقە باشلىنىپلا كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ نومۇر ئالدى. تۇنجى چارەك مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا، شىنجاڭ كوماندىسى 29:20 نەتىجىدە كەينىدە قالدى.

ئىككىنچى چارەك مۇسابىقىدە، مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدە شىنجاڭ كوماندىسىغا قايتقان جوۋ چى بىلەن شىرئەلىجان ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزدى، شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ كوماندىسى نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈۋالايلا دەپ قالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا، شىنجاڭ كوماندىسى 42:40 نەتىجىدە كەينىدە قالدى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە، جېجياڭ كوماندىسى يەنىلا دونمون، لانىز بىرىگنىڭ نومۇر ئېلىشى بىلەن نەتىجىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇردى. شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئۆتكەن نەچچە مۇسابىقە پەسلىدە مەيدانغا كۆپ چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمىغان تاڭ سەييۈ ئۈچ نومۇرلۇق توپ كىرگۈزۈپ، نومۇر پەرقىنى كىچىكلەتتى.

مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا يەنە 21 سېكۇنت قالغاندا، شىنجاڭ كوماندىسى 93:88 نەتىجىدە يەنىلا كەينىدە تۇردى، بۇ ۋاقىتتا، جوۋ چىنىڭ ھالقىلىق ئۈچ نومۇرى نومۇر پەرقىنى ئىككى نومۇرغا كىچىكلەتتى. ئەپسۇس، شىنجاڭ كوماندىسى يەنىلا 97:91 نەتىجىدە رىقابەتچىسىگە يېڭىلدى.

شىنجاڭ كوماندىسى 10- ئاينىڭ 11- كۈنى كەچتە، كونا رىقابەتچىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى