تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

دىيابېت بىمارلىرى قالقانسىمان بەزنى ئاسرىشى كېرەك

  ئادەتتىكى كىشىلەر توپىدا قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى %7، لېكىن 2 تىپلىق دىيابېت كېسەل بىمارلىرى ئىچىدە، قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى %12 ، 1 تىپلىق دېيابىت كېسەل بىمارلىرى ئىچىدىكى قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، %33كە يېتىدۇ. يەنى ئۈچتىن بىر قىسىم دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىدا قالقانسىمان بەز كېسىلى كۆرۈلىدۇ. كىلىنكىدا مۇنداق دەپ قارىلىدۇ: 1 تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى تېخىمۇ ئاسان قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى كۈچىيىش، قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئاجىزلاش ۋە قالقانسىمان بەز ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئاجىزلاش ۋە سۇب كلىنىكىلىق قالقانسىمان بەز كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ. شۇڭا، دىيابېت بىمارلىرى قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك.

 

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • رەڭگارەڭ گۈل كۆرگەزمىسىدە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەندى
  • يېڭى ئۆيدە ئولتۇرۇپ يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش
  • قاناس مەنزىرە رايونى ئاۋاتلاشتى