تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بالىنىڭ كۆزى قىزىرىپ قالسا، ئاتا-ئانىلار ھوشيار بولۇشى كېرەك

  فۇجوۋدىكى بەش ياشلىق قىز يىڭ يىڭنىڭ تۇيۇقسىز ئوڭ كۆز قاپىقى ئىششىپ قالغان، بەك قىزىرىپ كەتمىگەن، لېكىن قىچىشىپ كەتتى، دەپ جېدەل قىلغان. ئاتا-ئانىسى پاشا چاققان بولۇشى مۇمكىن دەپ ئۆزلىرى دورا سۈرتۈپ قويغان. يىڭ يىڭنىڭ كۆزى ئاۋۋال ياخشى بولغاندەك بولسىمۇ، ئىككىنچى كۈنى تېخىمۇ ئىششىپ كەتكەن، بارغانسېرى قۇلاق تەرەپكە كېڭىيىپ، كۆزىنىمۇ تەستە ئاچىدىغان ھالەتكە بارغان. ئاتا-ئانىسى يىڭ يىڭنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغاندا، كۆز چانىقى ھەرە كۆنىكىسىمان توقۇلما ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان.

  قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مەلۇم بولۇشىچە، يىڭ يىڭنىڭ ئاق قان ھۈجەيرىسى، قىزىل قان ھۈجەيرىسى، دانىچە ھۈجەيرىنىڭ پىرسەنتى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ھەممىسى ئۆرلەپ، جىگەر ئىقتىدارى نورمالسىزلاشقان. دوختۇر دەرھال ئۇنى بالنىستىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ تەكشۈرگەن ھەمدە يىڭ يىڭغا يۇقۇملىنىش خاراكتېرىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى، بەلكىم ھاشارەت چېقىۋېلىش خاراكتېرلىك ئەسۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ دىياگنوز قويغان. يۇقۇملىنىشقا، زىيادە سېزىمچانلىققا، قاننىڭ ئويۇشى قاتارلىقلارغا قارىتا بىر قاتار داۋالاش ئېلىپ بارغان، 12 كۈندىن كېيىن يىڭ يىڭنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ بالنىستىدىن چىققان.

  كۆز چانىقى ھەرە كۆنىكىسىمان توقۇلما ياللۇغى چاناق ئىچىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ ئۆتكۈر باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىشىدىن بولۇپ، بالىلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر. كىلىنىكىدا، بۇ كېسەل بىمارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە باش ئىچى قان چىرىش كېسىلى ياكى قان چىرىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن.

  كۆز چانىقى ھەرە كۆنىكىسىمان توقۇلما ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك سەۋەبى يېقىن ئەتراپتىكى كېسەللىك مەنبەسىدىن يۇقۇملىنىش ياكى چاناق، يۈز قىسمى زەخىملىنىش، ئوپېراتسىيەدىن كېيىن يۇقۇملىنىش بولۇپ، جىددىي خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەللەر يەنى سېپتىتسېمىيە، باكتېرىيىلىك قان كېسىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. چاناق پاسىلى ئالدى ھەرە كۆنىكىسىمان توقۇلما ياللۇغى ئاساسلىقى قاپاق ياللۇغى بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، چاناق پاسىلى ئارقىسىدىكى ھەرە كۆنىكىسىمان توقۇلما ياللۇغى ئادەتتە بىرقەدەر ئېغىر بولىدۇ. كۆز قاپىقى قىزىرىپ ئىششىيدۇ، شارچە بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىگە يۇقىرى دەرىجىدە قان تولىدۇ، ھەتتا قاپاق يېرىقىنىڭ سىرتىدا چوقچىيىپ چىقىدۇ. ھەرىكەت كۆرۈنەرلىك چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، قارچۇقنى ئايلاندۇرغاندا ئاغرىيدۇ.

    كۆز چانىقى ھەرە كۆنىكىسىمان توقۇلما ياللۇغى ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، ئاتا - ئانىلار چوقۇم ھۇشيار بولۇپ، بالدۇرراق بايقاپ، بالدۇرراق مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. بالىلاردا كۆز قاپىقى قىزىرىپ ئىششىش، پولتىيىپ چىقىش، قىزىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئاتا - ئانىلار چوقۇم ھەسسىلەپ ھۇشيار بولۇشى كېرەك. يۇقۇملىنىشقا قارشى ۋاقتىدا داۋالاش ئارقىلىق چاناق يىرىڭلىق ئىششىقى، قاتتىق مېڭە پەردىسى سىرتقى يىرىڭلىق ئىششىقى، سۆڭەك پەردىسى ئاستى يىرىڭلىق ئىششىقى ۋە مېڭە پەردە ياللۇغى پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

 خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى