تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ شياۋمى، ئىختىيار مۇخبىرىمىز خې ياڭ، شۈ زىڭ خەۋىرى، فوتوسى) 10-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈچىنچى تەرەپ شىركەتنىڭ تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىللىق دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى ساياھەتچى مىليون 478 مىڭ 900 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.19 ئاشقان؛ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان خىراجەت 14 مىڭ 854 يۈەن بولۇپ، دۆلەت ئىچى ساياھەت كىرىمى 17 مىليارد 577 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23.37 ئاشقان.