تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

چىش يىپىنى تەكرار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ

  چىش ئاسرايدىغان، ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلايدىغان ئاسراش بۇيۇملىرىنى ئىشلىتىش توغرا بولمىغاندا، ھەر خىل بىئاراملىق ۋە كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. تۆۋەندە بىر نەچچە خىل دائىم ئۇچرايدىغان خاتا ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.

   چىش كولىغۇچ: تاماقتىن كېيىن قالايمىقان چىش كولىغاندا چىش ئارىلىقى كېڭىيىپ كېتىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر تاماقتىن كېيىن چىش كولىغۇچ بىلەن چىش كوچىلاشقا ئادەتلەنگەن. لېكىن، چىش ئارىلىقىغا نەرسە كىرمىگەن ئەھۋالدا چىشنى قالايمىقان كوچىلىغاندا، چىش مىلىكى ياللۇغى، چىش مىلىكى يىگىلەش، چىش ئارىلىقى كېڭىيىشتىن كېلىپ چىققان چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، چىش كولىغۇچ بىلەن چىش ئارىلىقىدىكى ئەمچەك توپچىسى رايونىغا بېسىپ كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا چىش ئارىلىقى كېڭىيىپ،  ئاسانلا باكتېرىيەلەر يوشۇرۇنۇپ، چىش تېشى پەيدا بولىدۇ.

  چىش چوتكىسى: چىش چوتكىسىنى ھاجەتخانىغا ئۇزۇن قويغاندا باكتېرىيە ئاسان يۇقىدۇ. چىش چوتكىسى ئەسلىدىلا چىشنى تازىلايدىغان بۇيۇم، لېكىن ئۇنىڭ ئۆزى پاكىز بولماي، ئىشلەتكەندە باكتېرىيەنى بەدەنگە كىرگۈزگەنگە باراۋەر بولىدۇ. ئەگەر چىش چوتكىسى بىۋاسىتە تازىلىق ئۆيىگە قويۇلسا، تەرەت تۇڭىدىن چاچراپ چىققان مەينەت نەرسىلەر يۇقۇپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەم مۇھىتمۇ باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .

  چىش يىپى: تەكرار ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. تاماقتىن كېيىن چىش يىپى بىلەن ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلاش توغرا ئۇسۇل بولۇپ، يەنە چىش كولىغۇچنىڭ چىش مىلىكىنى زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. لېكىن بەزى كىشىلەر چىش يىپىنى ئانچە مەينەت ئەمەس دەپ ئويلاپ، يۇيۇپ داۋاملىق ئىشلىتىدۇ، بۇنىڭ زىيىنى كۆپ. چىش يىپى بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلات، ئىشلەتكەندىن كېيىن يۇقۇپ قالغان كىر، باكتېرىيەلەرنى سۇ بىلەن چايقاپلا چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ.

  ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقى: تۈرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاش كېرەك. بازارلاردىكى دورىسىز ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاساسلىق رولى ئېغىز پۇراشنى تۈگىتىش بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ. دورىلىق ئېغىز چايقاش سۇيۇقلۇقى ئاساسلىقى چىش مىلىكى ياللۇغى، چىش ئەتراپى ياللۇغى، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى قاتارلىق ئېغىز بوشلۇقى ياللۇغىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، شۇڭا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك. بولۇپمۇ چىشىنى قۇرت يېگەن، چىش تۈزەش ئەسۋابى تاقىۋالغان ياكى رادىئوئاكتىپلىق داۋالاشنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر چىش دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە تەركىبىدە فتورىدلار بولغان ئېغىز چايقاش سۈيىنى ئىشلىتىپ، چىشىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  سېغىز: دائىم سېغىز چايناش ئاشقازان كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. سېغىز ئېغىز بوشلۇقىنى تازىلايدۇ، لېكىن يوشۇرۇن خەۋپىمۇ ئاز ئەمەس. تەركىبىدە تاتلىق تەم كىرگۈزگۈچ بولغان سېغىز چاينىغاندا چىشنى ئاسانلا قۇرت يەيدۇ، ئۇزاق ۋاقىت سېغىز چاينىغاندا، ئاشقازان كۆپ مىقداردا رېفلېكسلىق ئاشقازان كىسلاتاسى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ، ئاچ قورساق ھالەتتە ئاسانلا كۆڭلى ئېلىشىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، كىسلاتالىق سۇ يېنىش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئاشقازان يارىسى ۋە ئاشقازان ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؛ چايناش مۇسكۇلى ئۇزاق مۇددەت جىددىي ھالەتنى ساقلاپ، چىرايىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، يەنە چېكە ئاستى جاغ بوغۇمى ياللۇغى، بوغۇم رايونى ئاغرىش، چايناش مۇسكۇل توپى ئىقتىدارى، بوغۇم ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : مىھرىگۈل ناسىر

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى